بالى، كوپىنھاگىن، دوربان،دوھا، ۋارشاۋا قاتارلىق جايلاردا يەر شارى كېلىمات سۆھبىتى ئەۋج ئالدى، شۇ جاينىڭ ۋاقتى 12-دېكابىر يېپىلىدىغان لىما كېلىمات يىغىنىدا نۇرغۇن نەتىجلەر قولغا كېلىپ، كېلەر يىلى پارىژدا ئېچىلىدىغان كېلىمات يىغىنىدا زور بۆسۈش بولۇشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
كىشىلەر بارغانسېرى تەسىرى چوڭىيىۋاتقان جۇڭگوغا دېققەت قىلىدىغان بولدى، بۇ يىللاردا جۇڭگو بىرقانچە قېيىم تۈرتكۈلۈك يىغىنلارنى ئېچىپ، ئەستايىل ھەرىكەتكە كېلىپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، سۆھبەتتىكى مۇھىم قاتناشچىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېلىمات سۆھبىتى مۇساپىسى ئەڭ قىيىن مەزگىلدە سۆھبەت ئۈچۈن ئىجابىي كۈچ قوشۇپ، يەر شارىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى خوش خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
شەھەرلەر ئاسمىنىنىڭ بۇلغۇنۇشى، يېزا كەنتلەردە سۇنىڭ بۇلغۇنۇشى، تۇپراقنىڭ ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغۇنۇشى جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئېغىر بېسىم بولدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالدى بىلەن بېيىپ ئاندىن تىزگىنلەيدىغان ۋاقتى ۋە بوشلۇقى يوق، ۋەزىيەت بىزىنىڭ تەرەققى تاپقان ئەللەرگە ئوخشاش ئۆز قائىدىسى بويىچە مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلشىمىزغا يول قويمايدۇ، جۇڭگو دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شې جېنخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە ئوخشاش ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەندە ئاندىن كاربون قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ساقلاپ تۇرمايدۇ.
11-ئايدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا « جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى، جۇڭگو تۇنجى قېتىم : 2030-يىللارغا بارغاندا جۇڭگونىڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىسبىتى ئۆلچەمگە يېتىدۇ، جۇڭگو 2030-يىلىغا بارغاندا خىمىيە ۋە نېفىتتىن باشقا بايلىقلارنىڭ بىر قېتىملىق ئنېرگيە ئىستېمالىدا ئىگەللىگەن نىسبىتىنى تەخمىنەن %20گە يەتكۈزىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويىدى.
نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان يەر شارى كېلىمات سۆھبىتى بىر ئىزىدە توختاپ قالدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ قېتىم باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بىرىلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى بان كىمون لىمادىكى كېلىمات يىغىنى مەزگىلىدە مۇنۇلانى بىلدۈردى: بۇ ھەرىكەت كېلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى بادېما لىمادا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ باياناتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى كېلىمات ئۆزگرىىشى مەسىلىسىدىكى ھەرىكەتكە تېزدىن قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تۇرخۇنلارنى بۇزۇپ، زاۋۇتلارنى، كىچىك ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تاقاش ھەرىكىتى ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما جۇڭگو بۇنى قىلالىدى.
جۇڭگو مۇھىت بۇلغايدىغان نەچچە مىڭ كىچىك كارخانىنى تاقىدى، 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كىچىك ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى گېنىراتور گۇرۇپپىسىدىن 70 مىليون كېلوۋاتقا يېقىنى شاللاندى، بۇ ئەنگىلىيەنىڭ شۇ مەزگىلدىكى توك تارقىتىش گېنىراتورلار سىغىمچانلىقىدىن يۇقۇرى، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بۇلغۇمىنى ئازايتىش كۈچى يەنىمۇ زورايتىلدى، ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشىنى تىزگىنلەش ۋە يېڭى ئېنېرگيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى.
قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش بىلەن بىرگە جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بۇ جەھەتتە سالغان مەبلىغى يەر شارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئامېرىكا پىيو خەيرى ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگونىڭ 2013-يىلى پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە سالغان مەبلىغى 20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق پاكىز ئېنېرگيە ئۈچۈن سالغان مەبلىغىنىڭ %29نى تەشكىل قىلىىپ،ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكىدىن ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ يىل يەر شارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ئەنگىليەدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر گېزىدە مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىقتىسادى ئەندىشە تۈپەيلى كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىت مەسىلىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدۇ، جۇڭگو مۇھىت مەسىلىسىنى كۈندۈلۈك ئىشلار كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويدى.
ئالدىنقى ئەسرنىڭ 40- يىللىرى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا چەتئەللەرگە مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان %60 ۋە %40 كەسىپنى يۆتكىگەن ئىدى، ھازىر دۇنيادىكى تاللا بازارلاردا مۇتلەق كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلار جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان، چەتئەللىكلەر تۆۋەن باھادىكى مەھسۇلاتلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ مەھسۇلاتلار جۇڭگونىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتىدۇ.
تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى پەرق تۈپەيلى ئوخشاش ئوتتۇرىچە بۇلغۇما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەننەرخى غەرپلىكلەر ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە نەچچە ئىستاكان پىۋىنى ئاز ئىچكەنگە باراۋەر بولغىنى بىلەن جۇڭگودىكى نامرات تاغلىق رايونلاردىكى ئامما ئۈچۈن بىر لامپوچكا ئىشلىتىش ئىشىلىتەلمەسلىكتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ئوخشاش سېلىنمنىڭ جۇڭگولۇقلار ۋە غەرپلىكلەر ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ، جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى غەرپ ئەللىرىدىن قېلىشمايدۇ، بۇ بىزدىن چەكسىز ئىرادە ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ.
شې جېنخۇا لىمادىكى كېلىمات يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىمىز ياخشى قىلغاندا ئاندىن باشقىلاردىن ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلالايمىز، جۇڭگونىڭ ياخشى تەدبىرى دۇنيانىڭ ئەنئەنىۋى سانائەت مەدەنىيلىكىدىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا پايدىلىق، يەر شارىدا كېلىمات تۈزەش جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا شاھىد بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved