مەركىزى رادىيو ئىستانسىسى تورى ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچراپ، شىنجاڭ پولات-تۆمۈر كەسپىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ بىرىنچى ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى بۇ يىل تارماق ئامانلىق ساقلاش شىركىتى قۇرۇپ، كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، نۆۋەتتە، ئەسلىدە بىرىنچى ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان 800 نەپەر ئىشچى مۇۋەپپەقىيەتلىك كەسىپ ئالماشتۇردى.
بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن بەي جىجيەن (白志坚) ئەسلىدە زاۋۇتنىڭ مەشغۇلاتچىسى بولۇپ، كارخانا پايدىسى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، ئىشسىزلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىرىنچى ئاۋغۇست پولات تۆمۈر شىركىتى پېيىنى %100 كونترول قىلىدىغان ئۈرۈمچى خۇلى ئەنكاڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمەت شىركىتىدە ئۇ بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتى. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ تۇدۇڭخابا رايونىدىكى خۇاشەن ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتى.
ئۈرۈمچى خۇلى ئەنكاڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسى خوجىلىق كۆزەتچىسى، ئوت-ئۆچۈرۈش ئامانلىق ساقلاش، ئامانلىق ساقلاش بويىچە تەربىيەلەش، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى قاتارلىق 10 نەچچە تۈرگە يېتىدىغان بولۇپ، كەسىپ ئالماشتۇرىدىغان ئىشچىلار بىر مەزگىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، خىزمەت ئورنىغا تەقسىملىنىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved