بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون تۈنۈگۈن باياناتچى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقىغا ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بانكىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۇ يەردىكى ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان جىددىي ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقىغا ماسلىشىشقا دەرھال سەپەرۋەر قىلدى. نۆۋەتتە ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى ھەمرالىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرماقتا. ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم بېرىش سالمىقى ۋە تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ھەركەت قوللىنىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئۇ يەرنىڭ قىش پەسلى بەك سوغۇق بولىدۇ، شۇڭا قىشتىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىش ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش خىزمىتىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved