ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان تۆت خىل ناشتىلىق

ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان تۆت خىل ناشتىلىق

ئاشقان تاماق:
ناشتىدا ئاشقان تاماق، قورۇمىنى شۇ پېتى ياكى قورۇپ يېيىشكە، ئاشقان تاماق، قورۇمىلارغا چۆپ سېلىپ پىشۇرۇپ يېيىشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىراشلىقتا ئاخشىمى تاماقنى كۆپرەك ئېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قورۇپ يەيدۇ ياكى ئاشقان تاماق، قورۇمىلارنى ئىسسىتىپ يەيدۇ. بۇنداق ناشتىلىقنى تەييارلاش ئاسان، مول بولغانلىقتىن كىشىلەر ناھايىتى قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش، دەپ قارايدۇ. تاماق، قورۇمىلار بىر كېچە تۇرۇپ قالسا، كۆكتاتتا نىتروئۇس كىسلاتا پەيدا بولىدۇ. ئۇنى يېگەندە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ.
غەربچە تېز تاماقلار:
ناشتىدا ھامبۇرگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قاتارلىق ھەر خىل غەربچە تېز تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. غەربچە تېز تاماقلار ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان دائىملىق يېمەكلىكلىرى. ھازىر نۇرغۇن تېز تاماقخانىلار ناشتىلىققا ھامبۇرگ بولكىسى، قەھۋە ياكى سۈت، قىزىل چاي قاتارلىقلارنى تەييارلايدىغان بولغانلىقتىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق يېمەكلىكلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ. ناشتىدا بۇ خىل يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تاماقلارنى يېگەندە ئاسانلا سېمىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار تەكشىسىز بولۇپ، دائىم يېگەندە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، تالا ماددىسى قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق.
ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر:پېچىنە، شاكىلات قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ناشتىدا يېيىشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئۆيىدە زاپاس تەييارلاپ قويىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئالدىراشچىلىقتا تەييار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ. پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى دانلىق زىرائەت بولۇپ، بۇلارنى يېگەندە ۋاقتىنچە قورساق تويغاندەك قىلسىمۇ، قورساق بىردەمدىلا ئېچىپ، چۈشكە يېقىن قان شېكىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ناشتىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېگەندە ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سالامەتلىك ناچارلاش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.



31-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek