شۇ يەر ۋاقتى 21-مارت ئەنگلىيە شاھزادىسى خاررىنىڭ نىپالدا زىيارەتتە بولۇۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولدى. يېقىندا خاررى شاھزادە نىپالدىكى بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر نىپالدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، نىپال خەلقىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى قەيسەرلىكىگە يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرگەن.
بۇلتۇر نىپالدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 9000 غا يېقىن كىشى قازا قىلغان بولۇپ، خاررى شاھزادە زىيارەت داۋامىدا يەر تەۋرەشتە ئامان قالغانلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ يەنە بۇلتۇر يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان خارابىلىكنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
خاررى شاھزادە بۇ قېتىم نىپالدا زىيارەت بولۇش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ۋە نىپال مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved