ياخۇ شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تارمىقى 2016-يىلى 4-ئايدا دۇبەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاقاشقا تەييار بولغان بولۇپ، شىركەتتە قالغان 50 خىزمەتچىنىڭ باشقا خىزمەت تېپىشىنى تەلەپ قىلغان.
ياخۇ شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يەرلىك خىزمەتچى خادىملارنىڭ، شىركەت قۇرۇلمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كېلەر يىلى تۆتىنچى ئايدا تاقىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياخۇ Google ۋە facebook نىڭ بېسىمى ئاستىدا قەدەممۇ قەدەم چېكىنىپ كەتكەن. غايەت زور بېسىم ئاستىدا، ياخۇنىڭ پۈتۈن يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Merissa Myers سەۋەنلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىستېپا بەرگەن. باياناتتا ‹‹بۈگۈن بىز دۇبەيدىكى خىزمەتداشلىرىمىزغا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، بىز ناھايىتى قىيىن بولغان بىر قارارنى چىقاردۇق. سودا قۇرۇلمىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە شىركەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن، كېلەر يىلى 4-ئايدىن باشلاپ دۇبەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىمىزنى تاقاشنى قارار قىلدۇق. خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ دۇبەيدىكى تىرىشىپ ئىشلىگەن خىزمىتى ۋە قالتىس تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز›› دېيىلگەن.
نۆۋەتتە ياخۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ بايانات توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى تەمىنلىمىگەن. بىراق، ياخۇنىڭ دۇبەيدىكى تاراتقۇ شەھەرچىسىگە جايلاشقان ئىش بېجىرىش ئورنىغا تېلېفون قىلغاندا، تېلېفون ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان. ھالبۇكى، خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياخۇنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى مەبلەغ سېلىش جەھەتتە چوڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكى دۇبەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاقاش قارارىنى چىقىرىشتىكى بىۋاسىتە سەۋەب ئىكەن.
ياخۇ 2009-يىلى دۇبەيگە كىرگەن بولۇپ، ئارقىدىنلا Maktoub.com نى سېتىۋالغان، بىراق كونكرېت سوممىسىنى ئاشكارىلىمىغان. گەرچە دەسلەپتە سېتىۋېلىش سوممىسى تەخمىنەن 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى دەپ خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە باشقا خەۋەرلەردە 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرى دېيىلگەن. Maktoub.com نىڭ دۇبەيدە تەخمىنەن 16.5 مىليون ئوقۇرمىنى بولۇپ، ياخۇ ئەينى ۋاقىتتا ‹‹بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىش ياخۇنىڭ خەلقئارا بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ›› دېگەن. ياخۇ ئەينى ۋاقىتتا تەلۋىلەرچە كېڭىيىش ستراتېگىيەسىنى تۇتۇپ، كەسىپنى باشقا رايونلارغا كېڭەيتكەندە 100 دىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلغان.
ياخۇنىڭ بىر نەپەر سابىق خىزمەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، كەسىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە، دۇبەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا 200 ئەتراپىدا خىزمەتچى خادىم ئىشلىگەن. ھالبۇكى، باياناتتا يەنە، ياخۇ دۇبەيدىكى كەسىپلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئەرەب تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى پۈتۈن يۈرۈش خېرىدارلار مۇلازىمىتىنى داۋاملىق تەمىنلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلان كەسپىنىمۇ داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياخۇ بۇندىن بۇرۇن ئومان ۋە قاھىرەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تاقىغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved