شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 16-ئىيۇل ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) پلۇتوننىڭ قىسمەن ئالاھىدە سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى. ‹‹يېڭى نەزەر›› ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى پلۇتوننى نۇرغۇن سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، پلۇتوننىڭ ئېكۋاتورىغا يېقىن ئەتراپتىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلۈك سۈرەتلەردە ئېگىزلىكى 3500 مېتىر كېلىدىغان تاغ تىزمىسى بايقالغان. NASA نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاغ تىزمىسىنىڭ يېشى 100 مىليون يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، يېشى 4 مىليارد 560 مىليون يىلدىن ئاشىدىغان قۇياش سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ تاغ تىزمىسى يەنىلا ياش ھېسابلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved