ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋاناغا يېتىپ بېرىپ، 88 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۇباغا ئاياغ باسقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوباما كۇبا رەھبىرى رائۇل كاستىرو بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن، لېكىن، دەم ئېلىشقا چىققان سابىق ئىنقىلابچى فېدىل كاستىرو بىلەن كۆرۈشمەيدىكەن.
BBC نىڭ شىمالى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىش ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى، تېخى 18 ئاينىڭ ئالدىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ كۇبا تۇپرىقىغا قەدەم ئېلىشى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى.
پىلانغا ئاساسلانغاندا، ئوباما رائۇل كاستىرونىڭ ھەمراھلىقىدا دۆلەت زىياپىتىگە قاتنىشىدىكەن، ئىككەيلەن يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved