شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 5- ئاۋغۇست خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 5- ئاۋغۇست ئىچكى كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، 2014- يىلى نۇسخىسىدىكى «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابقا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويغان بىر يۈرۈش ئامانلىقنى ساقلاش ۋە مۇداپىئە سىياسەتلىرى كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىدىن تۈزۈلگەن مۇداپىئە پىروگراممىسى، قورال - ياراغ ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە 1- ئىيۇل ياپونىيە ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا تەستىقلانغان «خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەش» قارار لايىھەسى، يەنى، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىچكى كابىنېت قارار لايىھەسى قاتارلىقلار بار.
ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ «خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋېتىپتۇ» ھەمدە «ئۇرۇش مەزگىلى ۋە تىنچلىق مەزگىلىدىكى <كۈلرەڭ رايون> دا قىلىش ۋەزىيىتى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋېتىپتۇ». ياپونىيە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا موھتاج ئىكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ياپونىيە - ئامېرىكا خەۋپسىزلىك تۈزۈلمىسىگە ماسلاشتۇرۇپ تەڭشىمىسە بولمايدىكەن.
بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مەقستى ۋە مۇددىئاسى، ھەربىي ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە دائىر قارارلىرى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاق تاشلىق كىتابقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى ئاق تاشلىق كىتابتا ياپونىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇداپىئە ئىشلىرى جەھەتتىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقى ھەمدە ياپونىيەنىڭ رايون ۋە كۆپ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىدا ئوينايدىغان ئاساسلىق رولى بايان قىلىنغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئابې شىنزو تەختكە چىققاندىن كېيىن تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ يەنە ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇشۇ رايوندىكى ھەربىي ئىشلار چوڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىستىكىنى نامايان قىلغان.
ئاق تاشلىق كىتابتا ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈشتە ئابې شىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى ئىچكى كابىنېت قارار لايىھەسىنىڭ چۈشەنچىسى شۇ پېتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق ياپونىيەدىكى كۆپ قىسىم قانۇنشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويغانغا ئوخشاش ئىچكى كابىنېتتىكى ئالاقىدار قاراردا قانۇن نەزەرىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ ئابې شىنزو ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئالاقىدار قارارنى ئاساس قىلغان ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن چوڭ يوچۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ئابې شىنزو ئىچكى كابىنېتىنىڭ «ئۆزگىچە» چۈشەنچىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» «قانۇن نەزەرىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كەمتۈكلۈك» ھەمدە «خەلقنىڭ رايىغا زىت» بولۇشتەك ئىككى چوڭ توسۇقتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» جەھەتتىمۇ ياپونىيەنىڭ «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» نىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى خۇددى «ئەخلەت پايچېكى» گە ئوخشايدۇ. 2014- يىلى نۇسخىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگو قارىغا ئېلىش نىشانى قىلىنغان، جۇڭگونىڭ «قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ھالىتى» ئەيىبلەنگەن. ئەگەر يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» نى سەۋرچانلىق بىلەن ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، ھەر خىل شەكىلدىكى «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» نىڭ ھەر يىلى كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
ھەر يىلى «تەھدىت»، ھەر كۈنى «كەسكىن» دەپ داۋراڭ سېلىشنىڭ نەتىجىسى زادى نېمە؟ جۇڭگو ئەزەلدىن ياپونىيە ئالدىن پەرەز قىلىۋاتقان «رېئال تەھدىت» نى پەيدا قىلىپ باقمىغان. لېكىن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە سىياسىتى ۋە ھەربىي كۈچىنى تەرتىپكە سېلىشى خۇددى «بۆرە كەلدى» دېگەن ۋارقىراش - جارقىراشلارغا ئوخشاش بارغانسېرى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى ۋە پاسسىپ مۇداپىئە ئىدىيەسىدىن چەتنەپ كېتىۋاتىدۇ. ئابې شىنزو 2- قېتىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن 70 يىل داۋام قىلغان تىنچلىق يولىدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، بۇ دۆلەت ھەربىي ئىشلار چوڭ دۆلىتى بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغان.
ئەگەر ياپونىيەنىڭ «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» نىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئازراق بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئويى بولسا، ئۇنداقتا ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇننى كۆزگە ئىلماي ھەربىي ھازىرلىقلارنى رەتكە سېلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى خەلق ئاممىسىغا چۈشەندۈرۈشى؛ ياپونىيەنىڭ غايەت زور ئەمەلىي ھەربىي كۈچىنىڭ زادى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved