جۇڭگو ئاخبارات تورى، 16-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 2001-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ تېلېۋىزىيە زېھىن سىناش پىروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ، بىر مىليون مارك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىر كېچىدە باي بولغان گېرمانىيەلىك ئايال مالىن گېرەبخېر 16-ئۆكتەبىر نامراتلىق ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، «كىمنىڭ مىليونىر بولغۇسى بار؟» ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە زېھىن سىناش پروگىراممىسى 1999-يىلى 9-ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە گېرمانىيەلىكلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان پروگىراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. 2001-يىلى 48 ياشلىق مالىن گېرەبخېر چېمپىيونلىققا ئېرىشكەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالغان.
ئىگىلىنىشىچە، مالىن گېرەبخېرنىڭ خىزمىتى يوق بولۇپ، تۇيۇقسىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ماشىنا، ئۆي سېتىۋالغان، ھەشەمەتلىك ساياھەت قىلغان. شۇڭلاشقا نەچچە يىل ئىچىدىلا يانچۇقى قۇرۇقدىلىنىپ قالغان. 2011-يىلى، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۈزۈك پۇل قالمىغانلىقىنى، چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈش ئۈچۈنمۇ يېمەي-ئىچمەي پۇل يىغىشى زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان.
ئۇ بۇلتۇر 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، يەنە كېلىپ بەدىنىدە ئېلىۋەتمەكچى بولغان ئۆسمە بار ئىكەن.
گېرمانىيەدە بۇنىڭدەك مىساللار كۆپ بولۇپ، 1994-يىلى لوۋتار ئىسىملىك بىر ئەر تۆت مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ داڭلىق ماركىلىق ماشىنا ئالغان، ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بەش يىلغا قالماي قاق سەنەم بولۇپ، ئاخىرىدا جىگەر قېتىشىشش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved