ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان شىمالىدىكى شەھەر مازارى شايرىفدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا 24 سائەتكە سوزۇلغان ئافغانىستان ھەربىي قىسمى بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ توقۇنۇشى ئاخىرى ئاياغلاشقان بولۇپ، ئافغانىستان ئالاھىدە ئەترىتى ھەممە قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىغان.
بۇ قېتىمقى تىركىشىش شۇ يەر ۋاقتى 3 - چېسلا كېچىدىن باشلانغان بولۇپ، 3 قوراللىق ئۇنسۇر شۇ كۈنى ئەتىگەندە ، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان شىمالىدىكى شەھەر مازارى شايرىفدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان، ئەمما ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋاقتىدا توسۇپ قېلىنىپ، بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلار كونسۇلخانىنىڭ يېنىدىكى ئىمارەت ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالغان. 24 سائەتلىك تىركىشىشتىن كېيىن، ئافغانىستان ئالاھىدە قىسمى بۇ ئۈچ قوراللىق ئۇنسۇرنى يوقاتقان.
ئافغانىستان ساقچى تەرەپ باياناتچىسى مۇنداق دېدى، تىركىشىش شۇ جاي ۋاقتى 4 - چېسلا كەچتە توختىغان بولۇپ، 3 قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.لېكىن يەنە 10 ئادەم يارىلانغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 5 كىشى پۇقرا بولۇپ، يەنە 5 كىشى ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىيلىرى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved