جاھان ئاگېنتلىقى 9-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، مىسىر ۋە شىۋىتسارىيەدە ئۇچرىشىشقا بارىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جىن پاسكى، كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا، كېررىينىڭ 12-مارتتا مىسىرنىڭ شەرم ئەل شەيىخ رايۇنىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مىسىر ئىقتىساد تەرەققىيات يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پاسكى، كېررىينىڭ مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ۋە يۇقىرى قاتلام مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن، بىرلەشمە ئىتتىپاق كۈچلىرىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشى، لىىۋيەدىكى ۋەزىيەت ۋە سۇرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان سىياسى كىرزىس قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاسكى يەنە، «ئامېرىكىنىڭ مىسىر بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيەلىك ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەدىسى بار. ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ياشلارنىڭ تەربىيلىنىشى، سەھىيە سېستىمىسىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىرگە تىنچ بىر سىياسىي ۋەزىيەت، كەڭ دائىرلىك ئەركىنلىك ۋە ھەق-ھۇقۇق تىمىسىدا، مىسىر خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
پاسكى، يەنە كېررىينىڭ شىۋىتسارىيەدە 15-مارتتا P5+1 دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئارىسىدىكى مۇزاكىرىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زەرىف بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved