ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،2015-يىلى نويابىر، رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسى بىر ئۆچكىنى يولۋاس بېقىش رايونىغا ئولجا قىلىپ قويۇپ بەرگەن، ئەمما يولۋاس بۇ ئۆچكىنى يېيىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. كىشىلەر بۇ ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقىغا ھەيران قالغان. ئەمما يېقىندا ھايۋاناتلار باغچىسى ئۆچكىنى يولۋاس بېقىش رايونىدىن ئەپ چىقىپ، بۇ ئىككى دوستنى ئايرىۋەتكەن.
ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يولۋاسلارنىڭ جۈپلىشىدىغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدا يولۋاسلار ئاسان غەزەپلىنىدىغان بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئۆچكە ۋە يولۋاسنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن، ئۆچكىنى ۋاقتىنچە ئايرىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved