چىيەنلۇڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ يەر ۋاقتى 6-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شۋېتسارىيەدىكى لائۇسانغا جايلاشقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باش شتابىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا " ئىلتىماس دوكلاتى "نى سۇندى . دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيىسى ، ئارزۇسى ، مەيدان-سارايلىرى ، مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش ، ئامانلىق ساقلاش ، تاراتقۇلارنى تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىلانى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ ، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى نامايان قىلىندى.
شۋېتسارىيە لائۇسان يەرلىك ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە جاڭجياكۇ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرى بىلەن قازاقستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرى ئىلگىرى-كېيىن خەلقئارا ئۆلىمپىك كومىتېتىغا " ئىلتىماس دوكلاتى"نى سۇندى . بۇ 2022-يىللىق قىشلىق ئۆلىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
.
بېيجىڭ شەھىرى سۇنغان " ئىلتىماس دوكلاتى" جەمئىي ئۈچ باب ، 14 ئاساسىي تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، خەلقئارا ئۆلىمپىك كومىتېتىنىڭ 192 سۇئالىغا جاۋاپ بېرىلگەن . دوكلاتتا خەلقئارا ئۆلىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدا ئېچىلغان 127-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان " ئۆلىمپىك 2020 قارالمىسى " نامايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۆلىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەلگۈسى ئىسلاھات يۆنىلىشىگە ماس كېلىدۇ.
بېيجىڭ بۇ قېتىم خېبېينىڭ جاڭجياكۇ شەھىرى بىلەن بىرلىكتە 2022-يىللىق قىشلىق ئۆلىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ ، بېيجىڭ شەھەر رايونى ، يەنچىڭ ۋە جاڭجياكۇ شەھىرىدە ئۈچ مەيدان ، ساراي سېلىش پىلانلاندى . ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن ، خەلقئارا ئۆلىمپىك كومىتېتى بۇ يىل 3-ئايدا باھالاش ئۆمىكىنى بېيجىڭ ۋە جاڭجياكۇ شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ.
بۇ يىل 31-ئىيۇن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مالايسىيا كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 128-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا 2022-يىللىق قىشلىق ئۆلىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved