بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك تېببىي بىلىملەر

تېببي ئۇچۇلار:

 


چىش بۇرۇنقىدىن ئۇزىراپ قالسا، بۇ چىشنىڭ ئۆسكەنلىكى ئەمەس، بەلكى چىش مىلىكى يېگىلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، بۇنداق چاغدا چىش يىلتىزى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بەدەننىڭ فۇنكسىيەسى قېرىپ، تېرە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.


ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى تۆۋەنگە قاراپ، بۇرۇننىڭ شەكلى ئۆزگىرىدىكەن، قاڭشارمۇ تۆۋەنلەيدىكەن، چۈنكى بۇرۇنمۇ باشقا يۇمشاق توقۇلمىلاردەك يېگىلەيدىكەن.
ئادەمنىڭ چېچى نورمال ئەھۋالدىمۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ، بىراق چاچ شالاڭلىسا ياكى چاچ چۈشكەن دائىرە چوڭايسا، بۇ ئادەمنىڭ قەرەلدىن بۇرۇن قېرىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

 

 

ئائىلە رىتسىپلىرى:

 


بالىلاردىكى كۆكيۆتەلنى داۋالاش: بالىلار كۆكيۆتەل (100 كۈنلىك يۆتەل) بولۇپ قالسا، بىر دانى توخۇ ئۆتى بىلەن بەش تال كىچىك سوقىچاق چىلاننى قاينىتىپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئۇدا بەش كۈنى ئىچۈرۈلسە شىپا بولىدۇ.
بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشنى داۋالاش: بالىلار ئىچ سۈرۈش كېسىلىگە مۇپتىلا بولسا ھەم ئىچى توختىمىسا، ئىككى ياڭاقنى سۇس ئوتتا شاكىلى قارايغىچە قىزدۇرۇپ، ئاندىن مېغىزىنى ئىلمان قايناقسۇدا چايقاپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن بەش كۈن يەپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش توختايدۇ.


ئاڭلاش ئىقتىدارى چېكىنىشنى داۋالاش: خام گازىر مېغىزىنى بىر نەچچە ۋاخ يەپ بەرسە، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بادام ۋە ئۆرۈم مېغىزى يەپ بەرسىمۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ.

 

 

ئاددىي رېتسىپلار:

 


رەيھان، بابۇنە، سېرىقچېچەكنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىدە باشنى يۇيسا، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


رەيھان بابۇنە، بەسباسە، سۇمبۇل، كۈندۈر، قىزىلگۈل ۋە ئەگرىسۇنايلارنى تەك مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، كۈندە ئۈچ گرامدىن ئۈچ ۋاق يەپ بەرسە، بالىياتقۇنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ.


بىر كىلوگرام رەيھان سۈيى بىلەن 500 گىرام كۈنجۈت يېغىنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلانغان ياغدا يەرلىك ئورۇن مايلانسا، بوغۇم ياللۇغى، پالەچلىك ۋە لەقۋالىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
27-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek