گوۋۇيۈەن 2015-يىلى كېسەل كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توققۇز ئىش قىلدى

زۇڭلى لى كېچياڭ 2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ساغلاملىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، دېدى. ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. 

1. دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ، دورا باھاسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلەتتىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2-ئايدا «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. 

2. يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 3-ئايدا «يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى. 

3. داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 4-ئايدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا «داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.  

4 . ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن تىرىشتىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئايدا «ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقاتتى 

5. شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، «دورا بىلەن دوختۇرلارنى بېقىش، توپلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش» قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەل قىلدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئايدا «شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. 

6. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر خىل كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 6-ئايدا «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆلەملەشكەن، يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى.  

7. ئائىلىۋى ئاپەت خاراكتېرلىك داۋالاش چىقىمى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 8-ئايدا «شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى.  

8. دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملىدىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 9-ئايدا «دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، تەرتىپلىك داۋالاش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى ۋە ياخشىلىدى.  

9. داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردىگوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 11-ئايدا سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا «داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ھەر خىل ساغلاملىق، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەلىپىنى قاندۇردى.(



خەتكۈچلەر:
05-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
05-05-2016
     يۈننەن شياڭگېرىلا بالوڭزون قارلىق تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5545 مېتىر بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا شياڭگېرىلادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ماي ئېيىدىكى بالوڭزون قارلىق &nbs...
04-05-2016
    «ياشلىقنى مەدھىيىلەش، مېھىر-مۇھەببەت تۇتاشتۇرۇش» شىنجاڭ «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ياشلىق كونسېرتى غەلىبىلىك ئاياغلاش...
04-05-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى›› ناملىق كونسېرت 28 – ئاپرېل ئاپتون...
04-05-2016
    3-چېسلا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، رايونىمىزدىكى 159 تۈر دۆلەت ساياھەت مەخسۇس تۈر ئامبىرىغا تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ بولغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ...
Powered by Leglek