ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگىنى FBI بىلەن ئالما ئارىسىدىكى سوت جېڭىغا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقىتلا قالدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئالمىغا كۆپ قېتىم گەپ قىلدى، ھەتتا تەھدىت سالدى. ئالمىنىڭ بايانى بويىچە ئېيىتقاندا، ناۋادا بۇ مەيدان «جەڭ» دە ئۇلار مەغلۇپ بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئامېرىكا رايونىغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، ئەكىسچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تېخنىكا شىركىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. لېكىن ئالما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن تىركىشىپ سوتقا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى نىشانى پەيدا بولدى.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېيىسبۇك يېقىندا بايرىقى ئاستىدىكى WhatsApp نىڭ شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كۈچەيتىشنى بىلدۈرگەن، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنغان.
ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە، ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى ئىزچىل ئوغىرلىقچە ئاڭلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن تىركەشتى. بىر قىسىم قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناۋادا WhatsApp كە ئوخشاش بۇنداق شىركەت يېشىش قىيىن بولغان شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ياساپ چىقسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش بۆلۈمى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، WhatsApp نى ئالمىدىن كېيىنكى نىشان قىلىپ بېكىتتى.
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ نەزىرىدە، WhatsApp نىڭ شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ قاتتىقلىقى ھەتتا ئالمىنىڭكىدىن يۇقىرى، چۈنكى WhatsApp تەمىنلىگەن مۇلازىمەت «كەلگۈسى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تېخنىكا مەركىزى» گە جايلاشقان. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان كۆچمە ئالاقە مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، WhatsApp نىڭ مەيدانى تەبئىيلا ئالما بىلەن بىردەك. ئالما سوت چۈشۈرگەن iPhone نىڭ قۇلۇپىنى يىشىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، WhatsApp يۇقىرى قاتلىمى ئۆزلىرىنىڭ ئالما بىلەن بىر لىنىيەدە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved