11-ئاينىڭ 27- كۈنى ياۋرۇپا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، خەلقئارا قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، بۇ ئايلىق چۈشۈش دائىرسى %8 تىن ئېشىپ كەتكەن، سەۋەبى كىشىنى ئۈمۈدسىزلەندۈردىغان جۇڭگو ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ۋە تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولغان، دوللارنىڭ كۈچىيىشىمۇ نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن،بىراق ئامېرىكا مىننەتدارلىق بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن ، بازار سودا ئەھۋالى سۇس بولدى.
جۇڭگو دۆلەت سىتاتىستىكا ئىدارىسى جۈمە ئېلان قىلغان، 10- ئايلىق سانائەت كارخانا پايدا يىللىق نىسبىتى %4.6 تۆۋەنلىگەن.
ئاۋسترالىيە - يېڭى زېلاندىيە بانكىسى جۈمە كۈنى يازغان دوكلاتىدا " ئامېرىكا زاپاس مىقدارى سانلىق ئۇچۇرى بازارغا تەسىر كۆسىتەلمىدى" دەپ ئېيتتى. ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر باش مەھكىمىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 1 مىليون باك ئاشقان، تەھلىلچىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مۆلچەرلىگەن ئېشىش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ باك بولغان.
بازارنىڭ نۆۋەتتىكى دىققەت نۇقتىسى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) مىنىستىرلار يىغىنى، ھەر قايسى دۆلەت مىنىستىرلېرى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى ۋېينادا OPEC ئىشلەپچىقىرىش مەسلىسى ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بارىدۇ.
روسىيە ئېنىرگىيە مىنىستىرى نوۋاك پەيشەنبە ئىپادە بىلدۈرۈپ، روسسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئۈشتىدە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئالاھىدە بىر بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتتى.
روسىيە پەيشەنبە تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئۆچ ئېلىش تەھدىدىنى ئىشقا سېلىپ، تۈركىيە تەرەپنىڭ جەڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋېتىش توغرىسىدا مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن تۈركىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە بۇ خىل تەھدىد " ئاقىلانىلىك ئەمەس" ھەمدە " مۇۋاپىق ئەمەس" دەپ قارىغان. ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرق يەرلىك سىياسەت خەۋپ- خەتىرى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش تەسىرى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ دەپ قارىغان.
بېيجىڭ ۋاقتى 16:15 دە، بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.90 تۆۋەنلەپ، 45.05 دوللار/ باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.97 تۆۋەنلەپ 42.19 دوللار/باك بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved