خېشۈن تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دە ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253 دوللارغا چىقىپ، ئەتىگەندىن بېرى 3 دوللاردىن كۆپرەك ئۆستى؛ ھەر ئۇنسىيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 15.53 دوللارغا چىقىپ، ئەتىگەندىن بېرى 0.034 دوللار ئۆستى؛ خەلق پۇلى بۇيىچە ھېسابلىنىدىغان قۇيما ئالتۇننىڭ ھەر گرامىنىڭ باھاسى 261.65 يۈەنگە چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 3.91 يۈەن ئۆستى؛ شاڭخەي T+D ئالتۇنىنىڭ ھەر گرامىنىڭ باھاسى 216.91 يۈەنگە چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 3 يۈەن ئۆستى؛ ساپ ئالتۇن دەپ قارىلىدىغان %99.99 لىك نەق ئالتۇننىڭ ھەر گرامىنىڭ باھاسى 320.75 يۈەنگە چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 8.75 يۈەن ئۆستى؛ خەلق پۇلى بۇيىچە ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن قەرەللىك مېلىنىڭ ھەر گرامىنىڭ باھاسى 262.45 يۈەنگە چىقىپ، ئەتىگەندىن بىرى 2.8 يۈەن ئۆستى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved