ئۇيغۇرلاردا ھويلا-ئاران مەدەنىيىتى

مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس بولغان ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، ئۆرپ – ئادەت، ھۈنەر – سەنئەت، ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر نەچچە تەرەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆينىڭ ئالدىنى كۈن چىقىش تەرەپكە ئۇدۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ھويلىنىڭ كەڭ، ئازادە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۈزۈم بىۋاسىتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقاندىن باشقا، ياز كۈنلىرىدە ئۇنىڭ سايىسى ھويلىغا ئۆزگىچە زىننەت بېغىشلايدۇ، ھويلا سالقىن بولۇپلا قالماي، ئۆي ئىچىمۇ سالقىن، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، ئادەمگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ.

ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈش ئادىتى

ئۇيغۇرلار ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھەممە ئائىلىلەر مەيلى ئۇ باي ياكى نامرات بولسۇن، ھويلىسىغا چەللە ياساپ كاۋا، قاپاق تېرىپ پەرۋىش قىلىدۇ. كاۋا، قاپاق پېلەك سوزۇپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، ياز پەسلىدە ھويلىغا سايە تاشلايدۇ، ھويلىنىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئادەمگە سالقىنلىق ئاتا قىلىدۇ. قاپاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش قورالى بولۇپ، ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلانغان. ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈلسە ھويلىنىڭ مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇرلۇق بىلىنىدۇ.

ھويلىدا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى يېشىللىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ھويلىسىغا كۆپىنچە ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق دەرىخى تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۈجمە ئەتىياز پەسلىدە، ئۆرۈك ياز پەسلىدە، ياڭاق كۈز پەسلىدە پىشىدۇ. دېمەك، ئۈچ پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار دەرەخنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھويلىدا ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە پىشىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ، ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان.

ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى گۈزەللىك ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار ھويلىدا ئاق، سېرىق، قىزىل ئېچىلىدىغان گۈللەرنى كۆپرەك ئۆستۈرىدۇ. يەنە كېلىپ گۈلنى بىۋاسىتە تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. بۇنداق گۈللەر شوخ، باراقسان ئۆسىدۇ، باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە ئېچىلىپلا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. سېرىق، قىزىل رەڭلەرمۇ ئادەتتە مېھىر – مۇھەببەت، سۆيگۈنىڭ سىمۋولى. شۇڭا ئۇيغۇرلار سېرىق سەمبەل گۈل، ھەشقىپىچەك گۈل، ئاق لەيلى گۈل قاتارلىقلارنى ھويلىغا تېرىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ھازىر گۈلنى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن سەھرالاردا گۈل يەنىلا ھويلىدا تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-04-2016
يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف فۇررى Kruger دۆلەت باغچىسىدا ساياھەت قىلىش جەريانىدا، ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن بىر مەيدان جەڭنى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن قارىغاندا، بىر چىشى فاكوخېرۇس ياۋا توڭگۇزىنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچ...
12-04-2016
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن كەلگەن مالىيە ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى Erni Wijaya بىر تۈركۈم جانلىق سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر بوغما يىلان بىر چاشقاننى...
12-04-2016
رۇسىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا، بىر ئېيىق ئانا بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بېلىق تۇتقان بولۇپ، ياۋايى ھايۋاناتلار فوتوگرافى Mike Korostelev بۇ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىچىك چاغدا، بىز ئۇلارنى پۇشكىن د...
12-04-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھۆرمەت توپى ساداسى، ياڭراق ناخشا، رەتلىك قوشۇن، سۈرلۈك قىياپەتلەر پارات بىزگە قالدۇرغان تەسىراتتىن ئىبارەت. بۈگۈن بىز فوتوگرافنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، باشقا بىر نۇقتىدىن رۇسىيە غالبىيەت كۈنىنى...
12-04-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھۆرمەت توپى ساداسى، ياڭراق ناخشا، رەتلىك قوشۇن، سۈرلۈك قىياپەتلەر پارات بىزگە قالدۇرغان تەسىراتتىن ئىبارەت. بۈگۈن بىز فوتوگرافنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، باشقا بىر نۇقتىدىن رۇسىيە غالبىيەت كۈنىنى...
12-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستان ماندرا، ھىندىستانلىق ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كارما ئۇسسۇلى (ھىندىستاندىكى داڭلىق يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل) ئويناپ، دۇنيا جېننىس رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلغان.
12-04-2016
خەلقئارادا نېفىت باھاسى سىجىل چۈشۈۋاتقانلىقتىن، مىسىرنىڭ ئىقتىسادى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: قىسقا مۇددەتلىك ئەھۋالدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق؛ ئەمما ئۇنىڭ نېفىت كەسىپ زە...
12-04-2016
ئەنگىلىيەنىڭ نوتتىنگخام ۋىلايىتىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئادەم بىلەن جۇدى سەككىز ئايلىق شېرىن ئاي ساياھىتى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئېستىپا بېرىپ، ئۆيلىرىنى سېتىپ، پۈتۈن يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان ۋە بۇ ساياھەتكە تەخمىنەن 25 مىڭ ف...
12-04-2016
بۇ مەھسۇلات تەبئىي ئۈسۈملۈك جەۋھەرلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ،ئىممىنۇت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەيدىز ۋېرۇسىنى تىزگىنلەيدۇ،ئەيدىز ۋېرۇسىنىڭ بەدەندە داۋاملىق يامراپ كېتىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرىدىكى روھ...
12-04-2016
نۆۋەتتە سۇبارۇ بىر نۇسخا BRZ tS STI نامىدىكى يېڭى ماشىنىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ نۇسخا ماشىنىنى STI بۆلۈمى ياسىغان، گەرچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، ئەمما قىياپىتى ۋە تەگلىكىنى ئازراق دەرىجە ئاشۇرغان. بۇ نۇسخا ماشىن...
Powered by Leglek