1. ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويماسلىق. بەزىلەر ئىش قىلغاندا كەم-كۈتىسىز، مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، كۆپ ھاللاردا كىچىككىنە پۇتاق چىقىپ قالسا، ئۆزىنى ئەيىبلەپ كېتىدۇ-دە، زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، نىشان ۋە تەلەپ ئۆزى ئورۇنلىيالىغۇدەك دائىرىدە بولسا، تەبىئىيكى، كۆڭۈل ئازادە بولىدۇ.
2. باشقىلاردىن بەك زور ئۈمىد كۈتمەسلىك. نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارغا ئۈمىد باغلاپ ئولتۇرىدۇ، ئىش دېگەن يېرىدىن چىقماي قالسا قاتتىق مەيۈسلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەممىلا ئادەمنىڭ ئويلىغىنى، ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بولىدىغان تۇرسا، نېمىشقا باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغۇلۇق؟
3. غەزەپ-ئاچچىقنى بېسىۋىلىش. قاتتىق غەزەپكە كەلگەن چېغىمىزدا بىرمۇنچە ئورۇنسىز ئىشلارنى قىلىپ قويىمىز، ئىشتىن كېيىن پۇشايمان يېگۈچە، ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئالغان تۈزۈك. يەنى، ئاچچىقىنى باشقا تەرەپلەرگە بۇرىۋېتىش، مەسىلەن، توپ ئويناش، ناخشا ئېيتىش، ئۆزىمىزدە «AQ» چە روھنى يېتىلدۈرۈش.
4. ۋاقتىنچە چەتكە ئېلىش. تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا خاپىلىقنى ۋاقتىنچە تاشلاپ قويۇپ، ھەرىكەت قىلىش، ئۇخلاش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كۆڭۈل ئارامىغا چۈشكەندە يېڭىۋاشتىن ئۆزى يولۇققان قىيىن ئىشقا تۇتۇش قىلىش.
5. دەردىنى تۆكۈش. كۆڭلىدىكى غەم -ئەندىشىنى چىقىرىۋەتمىسە، ئادەمنى قايغۇ چىرمىۋالىدۇ، كۆڭۈل دەردىنى يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى ياكى مۆتىۋەر ئادەملەرگە تۆكۈۋەتسە، روھىي كەيپىياتى شۇئان ياخشىلىنىدۇ.
6. بىر مەزگىل ئىچىدە پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىش. ئامېرىكىلىق پىسخىك يېتەكچى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەسرەتكە مۇپتىلا بولۇش، روھى يىمىرلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، بىمار قاتتىق روھىي بېسىمغا ئۇچراپ، ئۇنىڭدا روھىي جەھەتتە كېسەللىك پەيدا قىلىدىكەن. روھىي جەھەتتىكى بېسىمنى ئازايتىش، يۈرەكنى چارچىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر ۋاقىتتا بىردىن ئارتۇق ئىشقا ئېسىلىۋالماسلىق لازىم.
7. باشقىلارغا ياخشى نىيەت ئىزھار قىلىش. خەق بىزدىن ئېھتىيات قىلغانلىقتىن دائىم بىزنى چەتكە قايرىپ قويىدۇ، ئەگەر مۇۋاپىق پەيت تېپىپ، باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نىيىتىنى ئىزھار قىلىپ، دوستنى كۆپەيتىپ، دۈشمەننى ئازايتساق، كۆڭۈل ئاراممىز جايغا چۈشىدۇ.
8. كۆڭۈل ئېچىش. بۇ روھىي بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇشتا.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved