خەلق تورى 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا دۆلىتىمىز خەلق پۇلى قەرز سوممىسى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۆلچەردىكىدىن بەكلا تۆۋەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىن كەڭ كۆلەملىك چېكىنگەن.
مەركىزىي بانكا مۇنداق كۆرسەتتى: بىر سەۋەب شۇكى، سودا بانكىلىرىنىڭ ناچار قەرز سوممىسىنىڭ نىسبىتى ئۇدا ئۆستى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز پۇل تارقاتتى، ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرى مەركەزلىك يۈز بېرىۋاتقان بەزى رايونلار ۋە ساھەلەرگە قەرز پۇل بېرىشتە تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا دۆلىتىمىز خەلق پۇلى قەرز سوممىسى 385 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %64 تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 7-ئايدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 273 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1 تىرىليون 690 مىليارد يۈەن كېمىيىپ، %86 تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 546 مىليارد يۈەن كېمىيىپ، %67 تۆۋەنلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved