ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئافغام 3-دېكابىر ئىراننىڭ ئىراق چېگراسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
ئافغام ئامېرىكا دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2-دېكابىر ئىران يېقىندا ئىراقنىڭ شەرقىدىكى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى دېگەنلىكىگە قارىتا 3-دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىران «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قاتناشمىدى. ئىراننىڭ سىياسىتى يەنىلا خەلقئارا ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمە دائىرىسىدە ئىراق ھۆكۈمىتىگە ھەربىي مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش. ئافغام مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved