مىسىر ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەن ئېغىرلىقى 78 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، ئېغىرلىق جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا خېلى كۆپ كىشىلەر سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىبتار بولغان، ئاياللارنى ئىستاتىستىكا قىلىش جەريانىدا بايقىلىشىچە، مىسىر ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 78 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 8 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەر 10 ئادەم ئىچىدە، يەتتە كىشى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىبتار بولغان. پۈتكۈل يەر شارىدىكى 50 نەچچە دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىستاتىستىكا خىزمىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب ئاياللىرىنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئېغىر بولۇش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن، 1 – ئورۇندا تۇرىدىغىنى مىسىر ئاياللىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 78 كىلوگرام كېلىدىكەن، ئۇندىن قالسىلا ئىئوردانىيە ئاياللىرى، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 76.5 كىلوگرام كېلىدىكەن، 3 – ئورۇندا تۇرىدىغىنى جەنۇبىي ئافرىقا ئاياللىرى، ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 75.3 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ 4 – ئورۇندا تۇرىدىكەن. سۈرىيە 5 – ئورۇندا، مەزكۇر دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 74.5 كىلوگرام، نېفىت چوڭ دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 74 كىلوگرام كېلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، لىۋىيە ئاياللىرى بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتە 9 – ئورۇندا تۇرىدۇ، تۇنىس ئاياللىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 24 – ئورۇندا، ئالجىرىيە ئاياللىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 29 – ئورۇندا، ئىراق ئاياللىرى بولسا 34 – ئورۇندا تۇرىدۇ.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە 50 نەچچە دۆلەتنى ئىستاتىستىكا قىلىش جەريانىدا بايقىلىشىچە، فرانسىيە ئاياللىرى بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتە ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىكەن، يەنى فرانسىيە ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 67 كىلوگرام كېلىدىكەن، ئەمما فرانسىيە ئاياللىرى ئەڭ زىلۋا بولۇپ ھېسابلانمايدۇ، ئۇلار پەقەت مۇشۇ 50 دۆلەت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved