بۈگۈن بەيدۇ تورىنىڭ خەۋەر سۇپىسىغا مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى توغرىسىدىكى خەۋەر چوڭ تېما قىلىنىپ ئېلان قىلىندى .خەۋەردە ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىش جەريانى ئەڭ تۇلۇق چۈشەندۈرۈلدى ۋە يېشىلمىگەن سىرلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى .
شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مالايسىيا ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ 239 يولۇچى ئولتۇرغان بىر نۆۋەتچى ئاۇرۇپىلانى مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالومپۇردىن ئايرىلغاندىن كىيىن بوشلۇقتا كونتىرول قىلىش مەركىزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان،
مەلۇم بولىشىچە بۇ نۆۋەتچى ئايرۇپىلاننىڭ بارىدىغان جايى بېيجىڭ بولۇپ، ئايرۇپىلاندا 154 نەپەر جۇڭگۇلۇق يولۇچى بار ئىكەن. ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر باياناتىدا دىيلىشچە “MH370” نۆۋەتچى ئايرۇپىلان شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت 2:40 دا بوشلۇقتا كونتىرول قىلىش مەركىزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، بۇ ئايرۇپىلان بېيجىڭ ۋاقتى 6:30 دا بېيجىڭغا يىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، مالايسىيە ئورگان تەرەپ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئاچقان. مالايسىيە قاتناش نازارىتىنىڭ باشلىقى ھېسامىدىن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلان ۋە بوشلۇق قاتناش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى ھەرگىزمۇ ئېنىق ئەمەس دەپ بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنگىلىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مالايسىيە MH370 قېتىملىق ئايروپىلاننىڭ ھەيدەش ئۆيى بىلان ماياك مۇنارىنىڭ 54 مىنۇتلۇق سۆزلىشىش خاتىرىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئانالىز قىلغۇچىنىڭ دېيىشىچە بۇ بىر بۆلەك سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ تەرتىپى «ناھايىتى نورمال»، بىراق يەنىلا ئىككى جايدا گۇمانلىق نۇقتا بار.بىيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 10دا مالايسىيە زوڭلىسى ناجىب جىددى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ2014-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى يوقاپ كەتكەن MH370 نامىلىق ئايرۇپىلاننىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئايرۇپىلاندىكى بىرمۇ يولۇچىنىڭ ھايات قالمىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ناجىبنىڭ ئىيتىشىچە ئۇلار ئىگەللىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئايرۇپىلان ئۇچقان يۆلىنىش جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى ئاۋستىرالىيە پىرسىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىكەن..ئۇ يەنە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى ئىيىتقان.
بۇ ئاخبارات ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ،خەلىقئاراغا بولۇپمۇ جوڭگۇغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.بولۇپمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى خەۋەرنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتكەن.جوڭگۇمۇ جىددى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.25-مارت سائەت 00:56 مىنۇت ئۆتكەندە،ئەنگىلىيە سۈنئىي ھەمراھ-دىڭىز ئىشلىرى مەسئۇلى Chris McLaughlin ئايرۇپىلان جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىك خەۋېرىنى مالايسىيە تەرەپ ئىيتقان،بىز يەنە ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىمىز دىگەن.
سائەت 03:26 مىنۇت ئۆتكەندە،يولۇچىلارنىڭ ئۆيدىكىلەر پەقەت بىر قىسىم ئائىلىنىڭ ئىنگىلىزچە ئۇچۇر تاپشۇرۋالغانلىقىنى،مالايسىيانىڭ ھىچكىم بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەتلەشمىگەنلىكىنى ئەيىپلەپ ،مالايسىيە بىزنى يەنە قاچانغىچە ئالدايدۇ دىدى.
ئادەمنى ئەڭ قىززىقتۇردىغىنى شۇكى،سائەت 04:37 ئۆتكەندە،بىر ئامرىكىلىق يولۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇخبىرغا ئايرۇپىلاننىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئامرىكا تەرەپنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن ئىلان قىلغانلىقىنى ،مالايسىيانىڭ بەكلا كىچىكىپ ئىلان قىلغانلىقىنى ئىيىتتى.-3ئاينىڭ 25-كۈنى مالايسىيا زۇڭلىسى ھېچقانداق بىر تۇتامغا چىققىۇدەك ئىسپات يوق ئەھۋال ئاستىدا ، مالايسىيا MH370 يۇلۇچىلار ئايروپىلانىنى چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلان ئىچىدىكى ھەممە ئادەم ھايات قالمىغان دەپ ئاخبارات ئېلان قىلدى .3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ MH370نى يوقاپ كەتتى دېگەندىن باشلاپ ، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيسى ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىى ، بۇ ئىشنىڭ ئەسلى ئەھۋالىنى ئېيتماي ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ ،يۇشۇرۇپ ، يالغانچىلىق قىلىپ ، يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئالدىماقچى بولدى ،دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزىنى بۇيىماقچى بولدى . پەقەت بىز دەك 154 نەپەر يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى كولدۇرلىتىپلا قالماستىن، قەستەن قۇتقۇزۇشنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى كەينىگە سۆرەپ ، نۇرغۇن ئادەم كۈچىنى خوراتتى، ئەگەر ئايروپىلاندىكى قېرىنداشلىرىمىز راستىنلا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا ، ئۇنداقتا مالايسىيا ئۇلارنىڭ قاتىلى.
شۇنداق قىلىپ جۇڭگودىكى 154 نەپەر يولۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيسى ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىدى ۋە ئۇلارنىڭ باياناتلىرىغا قارشى چىقتى. بەلكىم مالايسىيا ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبچىسى بۇلىشى مۇمكىن. مالايسىيا MH370 يۇلۇچىلار ئايروپىلانىغا چىققان يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىكى لى دۇ مېھمانخانىسىدىن چىقىپ ، مالايسىيا نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، ئۇلارنىڭ بىر چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
بىر جېڭ فامىلىلىك كىشى ئاخباراتچىلارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مالايسىيا تەرەپ يېتەرلىك ئىسپات چىقىرالمىغاچقا بىز باش ئەلچىخانىغا كېلىپ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. 24-چىسىلا كەچتە بۇ ئائىلە تاۋابى قاتتىق قايغۇغا چۆمۈپ ھازا ئاچقان ئىدى.
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى 25-چىسىلا ، يەنى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئىسپاتى بارلىقىنى ، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيسىنىڭ ئېلان قىلغان ئاخباراتىدىكى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ ، بىرمۇ كىشىنىڭ ساق قالمىغانلىقى توغرىسدىكى باياناتنىڭ راستلىقى ، بۇنى قۇبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، بۇ ۋەقە بىر كېلىشمەسلىك بۇلۇپ ، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىزدەش خىزمىتىمۇ ناھايتى ئۇزۇن ھەم جاپالىق بولدى، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ، يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ دېدى. ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدىن ،مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 يۇلۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قالدۇق پارچىسىنى ۋە قارا ساندۇقنى ئىزدەش ،تارىختىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ، ئەڭ قىيىن ۋەزىپىگە ئايلانغان.
ھىندى ئوكياننىڭ سۇ كۆلىمىنىڭ كەڭرى بۇلۇش سەۋەبىدىن باشقا ، دېڭىز دولقۇنى، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئوكياننىڭ يەر شەكلىنىڭ مۇرەككەپ بۇلىشى ، ئوكياندا دېڭىز تېگى يانار تېغىنىڭ بۇلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تەكشۈرۈش ،ئىزدەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قىينلاشتۇرغان.
ئېيتىلىشىچە، ئايروپىلان ۋەقەگە يۇلۇققان ئورۇننىڭ غەرىپ شامىلى بەلبېغىغا توغرا كېلىدىغانلىقى ، بۇ ئورۇننىڭ ھاۋا كېلىماتى بەكلا ناچارلىقى ، داۋاملىق بوران ۋە دولقۇن بولىدىغانلىقى، بۇنداق شارائىتتا ئىزدەش خىزمىتى تېخىمۇ تەسكە چۈشىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
بۇنىڭدىن سىرىت ، خەۋەر قىلىنىشىچە، لۇمۇسكۇ ئۇنۋېرستىنىنىڭ دېڭىز ئاستى گېئولوگىيىسى مۇتەخەسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچرىغان جاي دەل بىر دېڭىز تېگى يانار تاغ پارتىلاش رايونىغا توغرا كېلىدىكەن، بۇ يەرنىڭ دېڭىز يەر شەكلى تولىمۇ مۇرەككەپ بۇلۇپ ، ئىلگىرى بۇ يەرنى تەپسىلى تەكشۈرۈشكە ھېچكىم پېتىنالمىغان، ئەگەر يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى تاپماقچى بولسا، بۇ يەرنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك سزىما چېرتيوژىنى تەييارلاپ ، تېخىمۇ كۆپ ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىنى ئىشقا سېلىشى كېرەككەن. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈلگەن ، ئىزدەلگەن ئوكيان كۆلىمى تەىمىنەن 3000 مېتىرغا يەتتى.
بىراق ئاۋىسترالىيەنىڭ بۇ ئوكيان بۆلىكىنى تەكشۈرۈشكە قابىلىيتى يەتمەيدۇ .سېدنىي ئادەملىرى ھازىر ، ۋاقىت بىلەن قاتتىق بەسلىشىۋاتىدۇ، بەلكىم مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا ساندۇقى ئىككى ھەپتىلەر ئەتراپىداسەرىپ بۇلۇپ تۈگىشى مۇمكىن ،ئاندىن بۇ قارا ساندۇق ھېچقانداق سىگنال تارقىتالمايدۇ. مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھېچقانداق بىر توغرا ئۇچۇر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئەڭ زور قىيىن ۋەزىپە ھېساپلىنىدىكەن.
ئاۋىستىرالىيە قىتئەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىزدەش ئەترىتىنىڭ ھازىر يەنىلا يىرىشىپ ئەڭ كىچىك دائىرلەرنىمۇ قويماي ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىشنى قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى دېدى.مالايسىيا قاتناش ئىدارىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى يىرىم كىچىدە ئىلان قىلغان ئاخباراتىدا دىيىلىشىچە، مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلانىMH370 نىڭ يەر يۈزى بىلەن قىلىشقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىشىش مەزمۇنى ‹خەيرلىك كەچ، مالايسىيا MH370 › ئىكەن. بۇ مەزمۇن بۇنىڭدىن بۇرۇن مالايسىيا تەرەپ ئاشكارلىغان ‹ماقۇل ،خەيرلىك كەچ›دىگەن مەزمۇنغا ئوخشىماس چىققانلىقىنى، كىيىنچە يولۇچىلار ئائىلىسىگە پۈتۈن سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ئاشكارلايدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
مالايسىيا ئاۋئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئايرۇپىلان بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىشىش مەزمۇنى دەل (Good night Malaysian three seven zero)‹خەيرلىك كەچ، مالايسىيا MH370 › بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 8-مارت كىچە سائەت بىردىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە دىيىلگەن. ھازىر سۆزلەشكەن ئادەمنىڭ ئايرۇپىلان باشلىقى ياكى مۇئاۋىن ئايرۇپىلان باشلىقى ئىكەنلىكى ئىنىق ئەمەس، مالايسىيا تەرەپ بۇنى تەكشۈرۋاتىدۇ.
3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئىلان قىلىش يىغىنىدا مالايسىيا دۆلەت خەۋپسىزلىك بۆلۈم باشلىقى ھىسامىدىن ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىشىش مەزمۇنى ‹ماقۇل، خەيرلىك كەچ› ئىكەنلىكىنى ئىيىتقان.17-مارت مالايسىيا ئاۋئاتسىيە قانۇن ئجرا قىلىش ئەمەلدارى ئەخمەت تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق تىلىفۇننى مۇئاۋىن ئايرۇپىلان باشلىقى ئۇردى دىگەن.لېكىن 31-مارت ئىلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىر يەنە بىر قىتىم سورىغاندا ھىسامىدىن بۇ مەسىلە شۇنچىلىك مۇھىم بولسا بىز مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىپ باقايلى، ئەگەر ئىلان قىلىشقا بولسا، بىز تېزدىنلا سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ئاشكارلايمىز. لېكىن مېنىڭچە بۇ قېتىملىق سۆزلىشىش ناھايىتى نورمال ئەھۋال دىدى.شۇ كۈنى مۇخبىر يەنە ئايرۇپىلاننىڭ ئوغۇرلانغانلىقى ۋە ئىككى ئۇچقۇچى توغرىلىق سۇئال سورىغاندا، ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئەمەلدارى ئايرۇپىلاننىڭ ئوغۇرلانغانلىقى توغرىسىدا تىخى تەكشۈرىۋاتىمىز، لېكىن مالايسىيا تەرەپ ئۇچقۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ دىگەن
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹ئەلقائىدە ›› تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار 11 نەپەر تېررورچى ، مالايشىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتناشقان ، دېگەن گۇمان بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇر ۋە كىدا ئوبلاستىدا قولغا ئېلىنىپ ، 2-ماي سوتلانغان .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى زوراۋانلىق ، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولۇپ ، ئىسلام دۆلەتلىرىدە پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن . ئۇلارنىڭ يېشى 22~55 كىچە بولۇپ ، ئارىسىدا ئوقۇغۇچى ، ۋاقىتلىق ئىشچى ، سودىگەر يەنە بىر ياش تۇل ئايالمۇ بار ئىكەن . ئۇلار تۇتۇلغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاخبارات 6-ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرى مالايسىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان .
8-مارت ، مالايسىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ ئايروپىلان ‹‹جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتتى›› دەپ ئېلان قىلغان .مالايسىيا ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىدىكى بىر ئەمەلدار: ‹‹بىر قىسىم تېررورچىلارنىڭ تۇتۇلۇشى مالايسىيا MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىماللىقى يەنىلا چەتكە قېقىلغىنى يوق . خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرى بۇ يېڭى تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسال دوكلات يېزىشنى تەلەپ قىلدى ›› دېگەن .ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، سوراق جەريانىدا بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرى مالايسىيادا داۋاملىق تۈردە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغان ، بىراق ، مالايشىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان .
17-ئىيۇل مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئامىستېردامدىن كۇئالالۇمپۇرغا قاراپ ئۇچقان MH17يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى 298 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. نۆۋەتتە بۇ ۋەقەنى چۆرىدەپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يېشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئايروپىلان نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتتى؟ كىم ئايروپىلانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى؟ مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى نېمە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدۇ؟ ئائىلە تاۋاپىئاتلارغا كىم تۆلەم بېرىدۇ؟ ھەرقايسى تەرەپلەر بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشىپ بىردىنلا بۇ ۋەقە قاتمۇ-قات سىرلىق تۇمان ئىچىدە قالدى.
1. چۈشۈپ كېتىشتىكى سەۋەب نېمە؟
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 17-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونېتسك ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلىنىپ كەتتى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئايروپىلان 10 مىڭ مېتىرلىق ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان ئىكەن.
شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن كونكرېت ئورۇننىڭ گېلابوۋا ناملىق بىر كىچىك كەنت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ كەنتنىڭ ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ يېقىندىن بويان ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن خەلق قوراللىق كۈچلىرى كەسكىن توقۇنۇشۇۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ دەرھال «ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلىغان»لىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىنلا «ئايروپىلاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېگىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى راست»لىقىنى ھەمدە MH17نىڭ «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېگىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 18-ئىيۇل مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى لىئوۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى «دەلىللىگەن»لېكىنى ، مالايسىيا تەرەپنىڭ بۇ خىل قىلمىشنى «قاتتىق ئەيىبلەيدۇ »غانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى جامائەت پىكىرلىرىدە ئايروپىلاندىكى «تېررورچى ئۇنسۇر»لاردا پارتلاتقۇچ بومبا بار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلدى لېكىن بۇ خىل قاراش دەلىللەنمىدى.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بولسا MH17چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ «ئەگىشىپ ئۇچقان»لىقى ئېيتىلدى، ھەتتا بەزىلەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ راستتىنلا ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولغىنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن قايتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى دەپ پەرەز قىلىشتى. لېكىن رۇسىيەنىڭ بەزى تاراتقۇلىرى ئايرودرومنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ پۇتىننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
2. ئەگەر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولسا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كىم ئاتتى؟
ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا قولغا چۈشۈرگەن بىر بۆلەك ئۈن خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى، ئۈن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ئىككى نەپەر رۇسىيەلىك ھەربىي ئىشلار ئاخبارات خادىمى MH17نىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈن خاتىرىسىدە نەچچە ئەر بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئالاقزادە بولۇپ «قاتتىق ئاچچىقلانغان.» لېكىن بۇ ئۈن خاتىرىسىنىڭ راستلىقىنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تېررورچى ئۇنسۇرلار» يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيەمۇ بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ باياناتچىسى پېسكوف ئىنكاس قايتۇرۇپ رۇسىيەنى MH17نى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە قاتناشتى دەپ ئەيىبلەشلەرگە ئائىت قاراشلارنىڭ «نادانلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . پۇتىن بولسا كىيېۋنىڭ بۇ پاجىئەگە مەسئۇل بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ «ئەگەر بۇ زېمىندا يەنىلا بۇرۇنقىدە تىنچلىق بولغان بولسا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ئۇرۇش ھەرىكىتى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن بولسا پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى» دېدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە خەلق قوراللىقلىرىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئېتىش مۇساپىسىنىڭ پەقەت 4000 مېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكىدىن كۆپ تۆۋەنلىكىنى ئېيتتى.
گەرچە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلق قوراللىقلىرى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگىدەك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىردەك ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى تاراتقۇلار ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەممىسىدە بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتتى.
3. قانداق قورال ئون مىڭ مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟
كۆپ قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى MH17ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ۋاقىتتىكى ئۇچۇش ئېگىزلىكىگە يېتەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ چوڭ «گۇمانلىق قاتىل» بولسا «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا. «بۇك دەرىخى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 3-ئەۋلاد ھاۋا موداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ، ئاساسلىقى 30 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى قىرغۇچى ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ھەر خىل ھاۋادىكى نىشانلارنى ۋەيران قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، 25 كىلومېتىر دائىرىدە ئىچىدىكى يەر يۈزىدىكى نىشانلار مەسىلەن: ئايرودروم ، يەر يۈزىدىن قويۇپ بېرىش ئەسلىھەسى ۋە قوماندانلىق ئورنى قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ.
رۇسىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەر ئىككىسىدە «بۇك دەرىخى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بار. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئېيتىشىچە ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپ ئىلگىرى دونېتسك رايونىغا «بۇك دەرىخى» ھاۋا موداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى باتالىيونىنى يۆتكىگەن. ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىنىڭ «بۇك دەرىخى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بار-يوقلىقى ئېنىق ئەمەس. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە خەلق قوراللىقلىرى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ «بۇك دەرىخى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن ئۇكرائىنا تەپتىش ئەمەلدارى خەلق قوراللىقلىرىدا بۇ خىل قورالنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
4. ئامېرىكا قانداق ئىسپاتقا ئاساسەن ئايروپىلان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن دەيدۇ؟
ئامېرىكا تەرەپ رادار سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CNN)نىڭ خەۋىرىدە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى رادار سىستېمىسى مەزكۇر رايوندىكى بىر يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ھەمدە بىر ئايروپىلاننىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر رادار سىستېمىسىنىڭ ئايروپىلانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگكەن ۋاقىتتىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى كۈزىتىپ ئۆلچىگەنلىكىنى ئېيتقان . يەنە بىر تەرەپتىن ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىمۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر بىر ئايروپىلان ھاۋادا پاچاقلىنىپ كەتسە ئۇنداقتا ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ تارقىلىشىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋادا پاچاقلىنىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگكەندىن كېيىن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ، ئەگەر ئايروپىلان مېخانىك كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولسا ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىرقەدەر مەركەزلىك بولىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئوربىتىسىنى ئانالىز قىلىپ قويۇپ بېرىلگەن ئورۇننىڭ زادى قەيەر ئىكەنلىكىنى ئىگىلىمەكچى بولىۋاتىدۇ.
5. قارا قۇتىنى كىم ساقلايدۇ ۋە ئانالىز قىلىدۇ؟
قارا قۇرا ھاۋا ئاۋارىيەسىنىڭ سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا قارا قۇتىنى كىم ئالسا تەكشۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ ئىككى قارا قۇتىسى تېپىلدى. ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قارا قۇتىنىڭ بىرسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە موسكۋاغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى . مالايسىيا تەرەپ بولسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قارا قۇتىنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بايانات ئېلان قىلىپ بارلىق ئىسپاتلارنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندىكى بارلىق يوشۇرۇن ئىسپات ۋە جەسەتلەرنىڭ «دەخلىگە ئۇچرىماسلىقى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش پىكىردىكىلەر مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى مالايسىيانىڭ شىركىتى شۇڭا قارا قۇتىنى تەكشۈرۈشنى مالايسىيا ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارىدى
6. خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قانداق تەشكىللىنىدۇ؟
بۇ قېتىمقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا كۆپلىگەن تەرەپلەر تېزدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ئۇكرائىنادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمدە ئاشكارا بولغان خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق قوراللىقلىرى شەرقىي قىسىم رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداننى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان ئۇكرائىنا خەلق قوراللىقلىرىمۇ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشىنى توسمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئاقساراي تەرەپ شۇ يەر ۋاقتى 17-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ تېزدىن «مۇكەممەل، ئىشەنچىلىك، دەخلىگە ئۇچرىمىغان خەلقئارا تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا مۇراجىئەت قىلدى، رۇسىيەمۇ تەكشۈرۈشنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ھەرقايسى دۆلەتلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك پىكىرگە كەلدى
7. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىي ۋاقىتتا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدۇ؟
بۇ قېتىمقى ھاۋا ئاۋارىيەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ھەربىي ئايروپىلانى يېقىن ئەتراپتىكى رايوندا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇچۇش خەتىرى ئاگاھلاندۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ يىل ئاپرېلدا خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە ئۇكرائىنا شەرقىي قىسىم ھاۋا بوشلۇقىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرىغا قارىتا ئېغىر خېيىم-خەتىرى بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە MH17نىڭ بۇ قېتىم ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۇرۇش بولىۋاتقان رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈشى يولنى قىسقارتىپ يېقىلغۇنى تېجەش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇچقۇچى ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشقا سەل قارىغاندەك قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدىن چەتنەپ ئۇچۇشىنى «كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.» لېكىن ئۇچۇش مۇساپىسى قىسقا، سەرپ بولىدىغان يېقىلغۇ تېخىمۇ ئاز، تەننەرخ تۆۋەن بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى يەنىلا مۇشۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئىشلەتكەن. مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى لىئوۋ 18-ئىيۇل MH17ۋەقەسى توغرىسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى MH17ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ «بىخەتەر» ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى، مالايسىيا تەرەپنىڭ MH17ئايروپىلانىنىڭ ۋەقەگە يولۇققان ۋاقىتتا توغرا بولغان يۆنىلىش ۋە ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىدە كېتىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بويان مۇشۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جەمئىي 15 ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىمۇ مۇشۇ لىنىيەنى تاللاپ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
8. ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كېلىشمەسلىكلەردىن كېيىن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ
2014-يىلىدىن بويان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسى پاجىئەسى يۈز بەردى: 8-مارت مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH370يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى، 17-ئىيۇل MH17يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتتى. ئاۋىئاتسىيە تەھلىلچى زاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن ئېغىر ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسىنىڭ زەربىسىدە ئەسلىدىلا تىجارەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى «ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان» ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. MH370يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى ئېغىر مالىيە قىيىنچىلىقىغا پېتىپ قېلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇدا ئۈچ يىلدا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن. MH370يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ پاي چېكى 18-ئىيۇل %11 چۈشۈپ كەتكەن. ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئاۋىئاتسىيە ۋەقەسى يولۇچىلارنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىگە بولغان ئىشەنچىنى يەرگە ئۇردى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 18-ئىيۇل يېڭىدىن سەپلەنگەن MH17ئۇچۇشقا تەييارلانغان لېكىن ھازىرغىچە ئاران 30 دىن كۆپرەك ئادەم رەسمىيەت ئۆتىگەن.
9. يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ قېتىمقى مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى جىددىي ۋەزىيەت ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشقان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق قوراللىقلىرىنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتىگە مۆلچەرلەش تەس بولغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىمۇ سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى، خەلق قوراللىقلىرى، رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرى يەنىلا ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بولۇپ بېسىمنى رەقىبىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويۇش غەرىزىدە بولۇۋېتىپتۇ، شۇڭا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە سۈركۈلۈشنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ پاي چېكى بازىرى تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەت زايومى ، ئالتۇن قاتارلىق خەتىرى تۆۋەن مۈلۈكنىڭ باھاسى ئۆرلەپ بازارنىڭ بۇ ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان زەنجىرسىمان ئىنكاسقا بولغان ئەمدىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved