فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 26-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە زۇڭتوڭى ھوللاندى شۇ كۈنى ئىران زۇڭتۇڭى روخانى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روخانى شۇ كۈنى يەنە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېلېفونلىشىپ ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. روخانى بۇ ئۈچ رەھبەر بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە تەلتۆكۈس ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved