جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇرايداھ شەھىرى قاسىم ئۆلكىسى قاسىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىگە سېلىنىۋاتقان بىر يىغىن مەركىزىنىڭ ئۆگزىسى شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 27-ئاپرېل گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، يەتتە قۇرۇلۇش ئىشچىسى قازا قىلغان، ئالتە ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭدىن باشقا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئادەم يوقاپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە 50 قۇرۇلۇش ئىشچىسى مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپىنچىسى پاكىستان، ھىندىستان ۋە بېنگال قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت توردا خەۋەر ئېلان قىلىپ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved