تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدىكەن،دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى تۆۋەن بولىدىكەن

ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ موھىملىقىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ.ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئىناق بولغان ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماستىن،جەمئىيەت مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق.پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ،ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ھازىر كۆپلىگەن ئائىلىلەر قوش خىزمەتچىلەر ئائىلىسى.ئەر ئايال ئىككىلى تەرەپ سىرتتا بىر كۈن جاپالىق ئىشلەپ ناھايتتى چارچايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىنى نوقۇل ئاياللارلا ئۈستىگە ئېلۋالماسلىقى كېرەك،ئەرلەر خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا كۆكتات سېتۋېلىش،تاماق ئېتىش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ،ئايالى بىلەن ئورتاقلىشىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ئايالنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى،يەنە بىر تەرەپتىن ئەرلەرنىڭ ئائىلە باشلىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى  يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئاددى بىر جىسمانىي ئەمگەك بولۇپ قالماستىن ،بەلكى ئايالىغا بولغان قوللاش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسىدۇر.كۆپلىگەن ئەرلەر بىز سىرتتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ناھايتتى جاپا چېكىمىز،شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغۇدەك ۋاقتىمىز ھەم زېھنىمىز يوق دەپ ئويلايدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر باھانى.بەزى ئەرلەر،بىز كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازابساق ،ئائىلىدىكىلەرگە يېتەرلىك پۇل بەرسەكلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.لىكىن ئۇلار ئايالى ۋە باللىرىنىڭ روھى ۋە ھېسيات جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىڭ پۇل ئارقىلىق تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ.ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆز كەسپىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر.بىر ئەر كەسىپ جەھەتتە قانچە پارلىغانسىرى،ئائىلىسى ئىناق بولماي قالىدۇ،شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر خىل كەمتۈكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.ئەرلەر چوقۇم ئائىلىسىگە قايتىشى،ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى،كۆپرەك ۋاقتىنى ئائىلىسىگە ،ئايالى ۋە باللىرىغا بېرىشى ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى ،ئائىلە باشقۇرۇش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەڭ مۇئامىلىدە بولىشى كېرەك.ئۇنىڭدىن سىرت ،كۆكتات سېتۋېلىش،تاماق ئېتىش،ئۆي تازلاش،كىر يۇيۇش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىمۇ بىرخىل تەنھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا بەدەن چېنىقتۇرۇش ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندا ،كۆز،ئېغىز،مېڭە،قول ئىشلىتىلىدۇ،بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى،ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئاشخانا ئۆيگە كىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ،بولۇپمۇ ئۆز قولى بىلەن ئوخشۇتۇپ بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇيالايدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن،چۈنكى بۇنداق ئەرلەر ئائىلىسىدىكىلەرنى چۈشىنىدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ،شۇنداقلا مېھىرگە تولغان ئىناق بىر ئائىلە بەرپا قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.شۇنداق دەپ ئېيتىمىزكى،كونا جەمىئيەتتىكى ئەرلەر ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا بولمايدۇ دەيدىغان شۇ خىل ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek