يەر شارى تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى (لەگلەك تورى تەرجىمىسى): ئەنگلىيە كۈندۈلۈك پوچتا گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنىڭ سابىق ئەزاسى، 28 ياشلىق روبېرتنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ جېكسونۋىلدىكى ئۆيىدە ئۆلگەنلىكى بايقالغان.
بۇ ئەسكەر توردا نامى چىققان ئادەم بولۇپ، 2012-يىلى 1-ئايدا تورغا يوللانغان بىر فىلىمدە، روبېرت ۋە باشقا ئۈچ نەپەر ئەسكەر ئافغانىستان تالىباننىڭ ئەسكىرىنىڭ جەسىتىگە قارىتىپ سىيگەن ھەمدە ھاقارەت قىلغان.
ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن روبېرتنىڭ مائاشى تۆۋەنلىتىلدى ھەمدە كېيىن قوشۇندىن چېكىندى، ئەمما تۈرمىگە كىرمىدى. كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ باشقا نەچچە سەپدىشىنىڭ چېتىلىپ قالغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ «ئۇنداق بېسىم ۋە مۇھىتتا بارلىق ئادەملەر روھىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇنداق ئىش قەدىمدىن بۇيان ئۇرۇشلاردا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغان» دېدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە روبېرتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىق ئەمەسكەن، دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ جەسىتىنى ئايالى ئۆيىدىن بايقىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved