جۇڭگو ئاخبارات تورى، 17-فېۋرال تېلېگراممىسى : ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 17-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 08:06 دە ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سانرىكۇ رايونىدىكى دېڭىزغا يېقىن جايدا 6.9 بال يەر تەۋرىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بىر قەدەر كەڭ كۆلەمدە تەۋرەش سېزىمى پەيدا قىلغان ، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان .
مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى يەر تەۋرەشنى تېز مەلۇم قىلىش مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەنبەسى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ ، تەۋرەش ئورنى 2011-يىلى 3-ئايدىكى تەۋرەش بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بۇ قېتىم توكيو شەھەر مەركىزىدىمۇ تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن .
ياپونىيە تۆمۈريول شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شەرقىي شىمالدىكى يېڭى غول لىنىيەدە قاتناش توختىغان. توكيو ئېلېكتىر شىركىتى مۇنداق دېگەن : فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو رادىئاتسىيەسىنى كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان .
ھازىرغا قەدەر يەر تەۋرەشتە كېلىپ چىققان زىيان توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved