باي بۇلۇش ئۇنچە تەس ئەمەس

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.باي بولۇشنى ئويلىمايدىغان كىشى يوق. لېكىن ھەممىلا كىشىنىڭ باي بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. باي بولۇشنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالدىنقى شەرتى بار. ئۇنداقتا بۇلار قايسىلار؟

 

1. قانۇنى مۇكەممەل بولمىغان جايدا باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تۇرۇشلۇق جاي سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىزنى قوغدايدىغان كاپالەتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇرماڭ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ كەسىپنى تاللىماڭ.

 

2. كەسىپنى ئويلىنىپ تاللاڭ ۋە تاللىغاندىن كېيىن ئالدىراپ كەسىپ يۆتكىمەڭ. زادى بولمىغاندا زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆتۈشۈڭ. چۈنكى بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بايلىق سىز شۇ كەسىپ ھەققىدە ئالاقە دائىرىسى ۋە تەجرىبە شەكىللەندۈرگىنىڭىز. كەسىپ ئالماشتۇرۇش دېگەنلىك بۇ بايلىقلارنى تاشلىۋەتكەنلىكتۇر.

 

3. چوقۇم ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان گەرچە دەماللىققا جىق پۇل تاپالمىسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز خۇشال بولىدىغان كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇڭ. پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئۆزىڭىز خالىمايدىغان كەسىپكە ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ. ۋاقىتلىق قىزىش-سوۋۇش بىلەن كەسىپ يەڭگۈشلىمەڭ. چۈنكى ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرمىگەن كەسىپ سىزگە بىر يۈكتۇر، يۈك كۆتۈرۈۋالغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئالدىدا ماڭالمايدۇ.

 

4. ئۈنۈملۈك، ئاخىرى بار كەسىپلەرنى تاللاڭ. دۇنيادىكى بايلارنىڭ كەسىپ رەت تەرتىپىنى تىزىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تاللاپ ئۆز ياقتۇرىشىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئاخىرى چىقىدىغان كەسىپنى تاللاڭ. چۈنكى بەزى كەسىپلەردە مەڭگۈ باي بولغىلى بولمايدۇ.

 

5. كەسىپ تاللىغاندا دائىرە كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىنى، شۇنداقلا ئوبيېكت كەڭلىكىنى ئويلىشىڭ. دۇنياغا ھالقىغىلى بولىدىغان، ھەممە مىللەت، ھەممە ياش، ھەممە كەسىپتىكىلەرگە ماس كېلىدىغان كەسىپتە پۇل تېپىش خېرىدارلىرى مەلۇم ئاز دائىرە بىلەنلا چەكلىنىدىغان كەسىپلەرگە قارىغاندا تېز كۆتۈرۈلىدۇ.

 

6. ياخشى كۆردۈم دەپلا ئۆزىڭىزدە يوق ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگۈسىڭىزنى دوغا تىكمەڭ. مەسىلەن سىز كۆرۈمسىز بولسىڭىز، ھەرگىز سەنئەت ساھەسىدە باش كۆتۈرۈش كويىدا بولماڭ. رەڭ قارىغۇسى بولسىڭىز، رەسسام بولۇش ئۈچۈن ئۆمرىڭىزنى سەرپ قىلماڭ. يەنى سەي قۇرۇشقا ئۇستا بولسىڭىز، لايچىلىق قىلىپ پۇل تېپىشنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تاللاپ قالماڭ. چۈنكى ۋاقىتلىق تاللاش سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

 

7. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ساھەدە تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بولسا ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ. ياخشى يېزىقچىلىق تالانتىڭىز بار تۇرۇپ، «ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا» دېگەنلەرگە ئىشىنىپ دەماللىققا ياغاچچىغا شاگىرت كىرگىنىڭىز بىلەن باش كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىڭىز ئون ھەسسە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.

 

8. ئىشەنچلىك بولۇڭ، ئابرويىڭىزنى قوغداڭ. ھەر قانداق ئەھۋالدا يامان نامى بار كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلماڭ. ئەڭ بولمىغاندىمۇ كەسپداشلىرىڭىز ئىچىدە ئابرويىڭىز بولسۇن. خېرىدار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچى كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ جېنى.

 

9. خوجايىن بولۇش شەرت ئەمەس. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار ساھەدە ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل پۇل تېپىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ياكى ئىش باشلاشقا مەبلىغىڭىز بولمىسا، ئۆزىڭىز ئىشەنگەن ياكى سىزگە ئىشەنگەن، ئىناۋىتى ۋە تەسىرى بار باشقىلارغا ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئالدىنقى مىڭ باينىڭ %73 باشقىلارنىڭ شىركىتىگە پاي قوشقان ياكى خىزمەت قىلىدىغانلار.

 

10. تەرتىپلىك بولۇڭ. ھىسابات خاتىرىسى، كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى تۇتۇپ، ئايدا بىر قېتىم شۇ ئايلىق ۋاقتىڭىز ۋە خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنىڭ ئورۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا باھا بېرىڭ. تەربىيەلىنىش پۇرسىتىڭىز تۈگىگەن بولسا، ئىمكان بار بالدۇر توي قىلىڭ. كەسىپ تىجارەتتىن باشقا دوستلىرىڭىزنى ئىزدىمەڭ، پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىسىز.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
14-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek