كۇبا رەھبىرى كاستىرو ئامېرىكىغا باش ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كۇبا دۆلەت رەھبىرى رائۇل كاسترو، 29-مايدىن كېيىن ئامېرىكىدا باش ئەلچى تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رائۇل كاسترو، فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانچوس ھوللاندىنىڭ كۇبا زىيارىتى ئەسناسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، كۇبا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، 29-مايدىن باشلاپ ئامېرىكىغا باش ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كاسترو، ئامېرىكىغا باش ئەلچى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئالاقىلەرنىڭ نورماللىشىشىنىڭ باشقا بىر تىما ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. رائۇل كاسترو، «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت نورماللىشىشى ئۈچۈن ئۈچۈن ئىمبارگو بىكار قىلىنىشى كىرەك، ۋە گۇۋەنتانامودىكى ھەربىي بازا قايتۇرۇلۇشى كىرەك» دېدى.
كاسترو، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سۆز قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتكە ئالاقىدار ئىيۇندا بىريۇسسېلدا يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى، كاسترو، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى يوقلىقىنى، ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاق سارايدىن 14-ماي ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىغا كۇبانى تېرورغا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرۋېتىشقا ئالاقىدار سۇنغان دوكلاتى ۋە تەستىق يازمىسىنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن 45 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.



13-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek