خوجايىندىن مەدىكارغا ئۈچ نەسىھەت | ھايات سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان ھېكايە

خوجايىننىڭ ئۈچ نەسىھېتى

 


بىر ئەر سىرتتا 20 يىل ئىشلەپ ئاخىرى ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقتى كەپتۇ. خوجايىنى:
-سەن 20 يىللىق ئىش ھەققىڭنى ئالامسەن ياكى مېنىڭ ئۈچ ئېغىز سەمىمىي نەسىھىتىمنىمۇ؟
-مەن ئەتە يولغا چىقىمەن خوجايىن، سىزگە ئەتە ئەتە ئەتىگەن جاۋابىنى بېرەي.
خوجايىن ماقۇل دەپتۇ.
شۇكۈنى كەچ ئەر ئۇخلىيالماپتۇ،… سەھەردە ئۇ خوجايىنىغا:<<مەن 3 ئېغىز نەسىھەتنى ئالىمەن>>دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئۇنىڭغا ئۈچ ئېغىز نەسىھەتنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.

 


1.مۇمكىن بولمايدىغان ئۇدۇل يولنى ئىزدەشكە ئۇرۇنما، چۈنكى دۇنيادا ئەرزان ئىش يوق، مەيلى قانداق ئىش قىلغىن ئەستايىدىللىق ئەڭ ياخشى ئامال.

 


2.ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ ئىشقا ھەددىدىن زىيادە قىززىقما، بەلكىم سەن شۇ ئىش تۈپەيلى جېنىڭدىن ئايرىلىشىڭ مۇمكىن.

 


3.ھەرگىزمۇ ھاياجانلانغان ۋاقتىڭدا بىرەر قارار چىقارما، بولمىسا سېنىڭ بۇ قارارىڭ ئۆمرىڭدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.

 


ئاخىرىدا خوجايىن ئۇنىڭغا ئۈچ تال بولكا ۋە ئازراق پۇل بېرىپ، چوقۇم ئەڭ چوڭ بولكىنى ئۆيۈڭگە بارغاندا ئۇلار بىلەن يىگىن، دەپ تاپىلاپتۇ.
ئەر يولغا چىىقىپتۇ، بىر نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن بىر بولكىنىڭ يېرىمىنى يەپ بوپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي بىر ئاچا يولغا ئۇچراپ قاپتۇ ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەردىن قايسى يول ياخشىلىقىنى سوراپتۇ، بىركىشى<<كىچىك يولدىن ماڭغىن،ئۇ يول يېقىن>>دەپتۇ، يەنە بىر كىشى بولسا<<چوڭ يولدىن ماڭغىن،ئۇ يول بىخەتەر>>دەپتۇ، ئەر ئايالى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ كېتىپ كىچىك يول بىلەن مېڭىپتۇ، مېڭىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر كىشىدىن يېقىن ئەتراپتا تاغ قاراقچىلىرى بارمىش، دىگەن گەپنى ئاڭلاپتۇ ۋە خوجايىنىنىڭ بىرىنچى نەسىھىتى:« يېقىن يولنى ئىزدەشكە ئۇرۇنما»دىگەننى ئېسىگە ئاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارقىغا قايتىپ چوڭ يول بىلەن مېڭىپتۇ.
ئەر بىر نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئىككىنچى بولكىسىنىڭ يېرىمى تۈگەپتۇ. ۋە ناھايىتى ئەرزان بىر مېھمانساراينى تېپىپ شۇيەردە قونۇپ قاپتۇ. يېرىم كېچىدە بىر قىزبالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ ھەم پەقەتلا ئۇخلىيالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىپتۇ، لېكىن ئۇستازىنىڭ:«ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇ ئىشقا ھەددىدىن زىيادە قىززىقما» دىگەن ئىككىنچى نەسىھىتىنى ئېسىگە ئاپتۇ ۋە ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن سەپەرگە ئاتلىنىدىغان چاغدا دۇكاندار ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن <<سەن تېخى ھاياتكەنسەنغۇ؟>>دەپ سوراپتۇ، ئەر نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي دۇكانداردىن نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ، دۇكاندار ئەتىراپتا بىر ساراڭ قىزىنىڭ بارلىقىنى، ھەر قېتىم كېسىلى تۇتقاندا يىغا ئاۋازى ئارقىلىق ئادەملەرنى باشلاپ چىقىپ ئۇلارنى ئۆلتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە تۈنۈگۈنكى مېھمانلاردىن پەقەت ئۇنىڭلا ھايات قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
يەنە بىر نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككىنچى بولىكىسىنىڭ قالغان يېرىمىمۇ تۈگەپتۇ، شۇندىمۇ ئۆيىگە ئارىلىقىنىڭ ناھيىتى ئاز قالغانلىقىدىن كۆڭلى يايراپ كېتىپتۇ. شۇ تەرىقىدە مېڭىپ-مېڭىپ قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەن كەنتىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكىنى چېكەي دەپ تۇرىشىغا ئىچىدىن بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئەر ناھايىتى ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە پىچاق ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ ئەرنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بوپتۇيۇ، بىراق خوجايىنىنىڭ «ھەرگىزمۇ ھاياجانلانغان ۋاختىڭدا بىرەر قارار چىقارما» دېگەن ئۈچۈنچى نەسىھىتىنى ئېسىگە ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئۆي سىرتىدا بىر كېچە ئولتۇرۇپ، ئەتىسى سەھەردە ناھايىتى بالدۇرلا ئىشىكنى قېقىپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ كەلگىنىدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، لېكىن ئۇ سوغۇق مۇئامىلە بىلەن: ئۇ ئەر كىم؟ دەپ سوراپتۇ. ئايالى كۈلۈمسىرەپ : ئۇ بىزنىڭ بالىمىز، سىز كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەن…
بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ،ئاتا -بالا تۇنجى كۆرۈشۈپ قۇچاغلىشىپ، ياش تۆكۈشۈپتۇ. ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ خوجايىنىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە 3_بولكىنى ئېلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كېسپىپتۇ. كېسپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 20 يىللىق مائاشىنىڭ بولكىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ…
شۇڭلاشقا….



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek