پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
« لىۋىرپول ئەكس سادا گېزىتى» ۋە « تېمىس گېزىتى » قاتارلىق كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ كوماندا باشلىقى گېرراد شۇ يەر ۋاقتى ئەتە لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلىدىكەن. ئۇنىڭ كېيىنكى بارار جايى ئامېرىكا چوڭ ئىتتىپاقىدىكى لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسى بۇلۇشى مۇمكىن.
گېررادنىڭ توختام ۋاقتى بۇ يىل يازدا توشىدۇ. بۇ 34 ياشلىق قىزىل ئارمىيە ( لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى) نىڭ كوماندا باشلىقى ئامېرىكقدا يېڭى كەسپىي ھاياتىنى باشلاشنى قارار قىلغان.
ئىگىلىنىشچە لىۋىرپول كۇلۇبى گېررادنى يېڭ توختام بىلەن تەمىنلىگەن بىراق گېرراد توختامغا قول قويمىغان. بۇ خەۋەر تېخى گرېررادنىڭ ئۆزىنىڭ ئېنىق جاۋابىغا ئېرىشمىگەن.
گېرراد 7 ياش ۋاقتىدا لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش سىستىمىسىغا كىرگەن. 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بىراك بون كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە لىۋىرپول كۇلۇبىغا ۋەكىل بۇلۇپ تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇسابىقىگە قاتناشقان. ھازىرغا قەدەر گېرراد لىۋىرپول كۇلۇبىغا ۋەكىل بۇلۇپ 691 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 177 توپ كىرگۈزگەن. لىۋىرپول كۇلۇبىدا بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا، ئىككى قېتىم ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، ئۈچ قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقە لوڭقىسى چېمپىيۇنلۇقىغا، بىر قېتىم ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيۇنلۇقىغا ، بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىينلۇقىغا ۋە بىر قېتىم ساخاۋەت ئوردىنى مۇسابىقىسى چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن. بىردىن بىر ئېرىشەلمىگەن چېمپىيۇنلۇق دەل ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved