جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ساقچىلىرى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ساختا «بومبا تەھدىتى» ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا چېتىشلىق 47 ياشلىق بىر ئەرنى قولغا ئالغان. بۇ ئەر دۇھادىن مانچېستىرغا ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بومبا بار دېگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى قوغداپ مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ ئەر ئايروپىلاندىكى يولۇچى بولۇپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، قوراللىق ساقچىلار يولۇچىلار ئايروپىلانىغا كىرگەن ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنى ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشۈپ كەتكەن. ساقچىلار ئۇنى سوراق قىلىش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئايروپىلاننى ئاختۇرۇشنى تاماملىغان ھەمدە گۇمانلىق بۇيۇم بايقىمىغان.
قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى دېيىشىچە بۇ ئايروپىلانغا ئەينى چاغدا 269 نەپەر يولۇچى ۋە 13 نەپەر ئايروپىلان خادىمى چىققان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved