گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇت 3-ئىيۇل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گوللاندىيە مالايسىيا، بېلگىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بىرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17 –قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىدىكى مەسئۇل كىشىنى سوتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. مارك رۇت مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەسىس قىلغان خەلقئارا سوت مەھكىمىسى MH17 –قېتىملىق ئايروپىلانى ھادىسىدىكى مەسئۇل كىشىنى سوتلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش. ئۆتكەن يىلى 17-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدىن كۇئالالومپۇرغا قاراپ ئۇچقان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17 -قېتىملىق ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 298 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، بۇنىڭ 196سى گوللاندىيەلىك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved