ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدېغان پۇتبولچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى

سۇمرۇغ تەنتەربىيىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

بېيجىڭ ۋاقتى5-ئاينىڭ13-كۈنى ئۇرۇگۋاي دۆلەت كوماندىسى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان25كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى،بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا ئايرېلغان بولۇپ ئۇلار ئىتالىيە كوماندىسى، ئىنگىلاند كوماندىسى ۋە كوستارىكا كوماندىسى بىلەن بىللە «د» گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.

ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ2007-يىلىدىكى ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسىدا ئۇلار4كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن، 2010-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ4كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىرگەن،2011-يىلى ئامىرىكا قىتئەسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا چىمپىيۇن بولغان بۇ ئۇلارنىڭ15-قېتىم بۇ لوڭقىغا ئېرىشىشى بولۇپ ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ھالقىپ بۇ تۈردە چىمپىيۇن بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.


ئۇرۇگۋاي كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا شانلىق تارىخلارنى ياراتقان كوماندا بولۇپ، 1930-يىلى ئۇرۇگۋاي ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولغان بولۇپ ھازىرغىچە ھېقايسى بىر دۆلەت ئۆز تۇپرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا چىمپىيۇن بولۇشتەك بۇ رېكورتنى بۇزالمىدى.

1950-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا ساھىبخان دۆلەت بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا چىمپىيۇنى بولدى شۇنداقلا بىرازىلىينىڭ ئۆزتۇپرىقىدا دۇنيا چىمپىيۇنى بولۇش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ بىرازىلىيىلىكلەرنىڭ يۈرىكىدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر جاراھەت قالدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا1954-يىلى، 1970-يىلى، 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىللىرىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى4كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىردى ھەم ئەڭ ئاخىرى4-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم ۋىنگىرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن سىرىت قالغان ئىككى قېتىمنىڭ ھەممىسىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

 


ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان25كىشىلىك تىزىملىكى:

 


*ۋاراتارلار:

مۇسلېيرا(گالاتاساراي)

سېلۋا(داگاما)

مۇنىئوس(لىبورتاد).

 


*مۇداپىئەچىلەر:

لۇگانو(غەرىبى بىرومۋېچ)

گودېن(مادرېد تەنھەركەتچىللىرى)

شىمىننىس(مادرېد تەنھەركەتچىللىرى)

كاسېرېس(جۇۋېنتۇس)، پېررېرا(بىنفېكا)

خارېخ(پورتۇ)، كېچ(مىللى)، سېلۋا(رانۇس).

 


*ئوتتۇرا مەيدان:

ئالۋارو.پېررېرا(سان پاۋلو)

رودرىگۈز(مادرېد تەنھەركەتچىللىرى)

رىئوس(مورېيلىئا)، ئەيگۇلىن(پارمېلاس)

دىيېگو.پېرېز(بولوگنا)

رامىرېس(بولوگنا)

گونزالېس(لازىئو)

رامىرېس(جەنۇبى ئامپىتون)

نىكۇلاس(بوتافوگ).

 


*ھۇجۇمچىلار:

كاۋانى(پارىژ سائىنت گېرمان)

سۇئارېس(لىۋېرپول)

دىيېگو.فورلان(دابەن نورۇز گۈلى/ياپۇنىيە)

خېرناندېس(پالېرمو)

سىتۇيانى(ئىسپانىيىلىكلەر).



خەتكۈچلەر:
16-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
   مورىنھو چېلىسى كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى تېزلا تاغدىن چۈشۈپ، خىزمەت ئىزدەيدىغانلىقى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن تا ھازىرغا قەدەر تاغ قاپتىلىغىمۇ كېلەلمەي قالدى. ئەمەلىيەتتە مورىنھودەك تالانىت ئىگىسىنىڭ ئ...
08-05-2016
     5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسى 33-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇسابىقىدە بايرىن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا ئىنگولىستاد كوماندىسى بىلەن...
07-05-2016
    3-ماي چۈشتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە قىزىرىپ پىشقان گۆشكىردىگە ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتىمىزدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۈنگەن بولسام، 4-ماي چۈشتە بىز ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى گۇاڭجۇ...
07-05-2016
    گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، بايرىن مىيۇنخېن قاپقىچىسى نويېرنىڭ 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا، نويېر لېۋېركۇسېن قاپقى...
07-05-2016
    دورتموند ئورگان تورىدا گۇندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنىدى...
06-05-2016
    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسېلونا ئىككى ھۇجۇمچىنى كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى سىۋېللا ھۇجۇمچىسى گامېرى، يەنە بىرسى بولسا لاكورونىيە ھۇجۇمچىسى لۇكاس پېرېز ئىكەن. بارسېلونانىڭ كەينى كەينىدى...
06-05-2016
     ۋاڭيى تورى 6-ماي تەنتەربىيە خەۋىرى، NBA شەرقىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان كۈچ سىنىشىشتا ئەجدىھا كوماندىسى تۆت كونتىيور كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن قوشۇمچە مۇسابىقە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەيدانىدا 96:92 ...
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
Powered by Leglek