يېقىندا خۇبىي ئۆلكىسىدىكى بىر ئايال شۇ يەردىكى بىر KTV نىڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرگەن ۋاقتىدا تەرەت تۇڭى پارتلاپ كېتىپ ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. نۆۋەتتە يارىلانغۇچى ۋۇخەندىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، لى خانىم چىبى شەھىرىكى بىر KTV غا ئوينىغىلى كەلگەن بولۇپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ بەدىنى تەرەت تۇڭىغا تېگىشىگە تەرەت تۇڭى پارتلاپ كېتىپ، ئاستىنقى بەدىنى يارىلانغان. كەينىدىن لى خانىم كېچىلەپ ۋۇخەن شەھىرىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ ئۈچ سائەت ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە 48 سائەت ياتقاندىن كېيىن ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلغان.
KTV دىكى دىجورنى خادىمنىڭ دېيىشىچە شۇ كۈنى كەچتە ھەقىقەتەن خېرىدارنىڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئەمما ھەرگىزمۇ تەرەت تۇڭى پارتلاش ۋەقەسى ئەمەس بەلكى خېرىدارنىڭ تەرەت تۇڭىنى دەسسەپ بۇزىۋېتىشىدىن كېلىپ چىققانىكەن. يارىلانغۇچىنىڭ دېيىشىچە 13-چېسلا كەچتە ئىككى تەرەپ پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلغان. نۆۋەتتە يارىلانغۇچى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved