شىنجاڭنىڭ قوي يۇڭى ئېكسپورت مىقدارى ئۇدا ئىككى يىل ئاشتى

شىنجاڭ ‹‹خۇاچۈن›› يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كىيىم – كېچەك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىتالىيەلىك لۇگى لايىھەلىگەن كىيىم – كېچەكلەرنى 100گە يېقىن سودىگەر تالىشىپ سېتىۋالدى. بۇ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ، خەلقئارا بازارغا كىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ ‹‹خۇاچۈن›› يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لۇچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2013 – يىلى 1 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن بۇيان، ‹‹خۇاچۈن›› يۇڭ توقۇمىچىلىقىنىڭ يىللىق قوي يۇڭى مەھسۇلاتى 150 مىڭ قۇرغا يەتتى، 2015 – يىلى 6 – ئايغا قەدەر كارخانا قوبۇل قىلغان زاكاز ئۇدا ئىككى يىل بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى، كارخانىنىڭ 2015 – يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 500 مىڭ قۇردىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكسپورت قىلىنىدىغان رايونلارمۇ كۆپەيدى، دەسلەپ %80 مەھسۇلات ياۋروپا – ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلاتتى، ھازىر ياۋروپا – ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، شياڭگاڭ ھەم ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەت ۋە رايونلارغا سېتىلىدىغان بولدى.
ۋاڭ لۇچۈەن مۇنداق دېدى: ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپىيىشى، زاكازنىڭ ئېشىشى، خېرىدارلارنىڭ كۆپىيىشى، مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى سېتىش سوممىمىزنىڭ تېز ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئالدىنقى سەپنى مەڭگۈ ئىگىلىشى ئۈچۈن، ‹‹خۇاچۈن›› يۇڭ توقۇمىچىلىقى شاڭخەيدە تېخنىكا ئېچىش شىركىتى قۇرۇپ، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان لايىھەلەش ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىكا ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان.
كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2014 – يىلى 7 – ئايدا ئاپتونوم رايون چىقارغان ‹‹توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغان ئون چوڭ ئېتىبار سىياسىتى باج، تۆۋەن توك ھەققى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنغا چېتىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، ‹‹خۇاچۈن›› يۇڭ توقۇمىچىلىقى تېزلا قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش رامكا كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ، يىلىغا 400 مىڭ قۇر قوي يۇڭى مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان قەشقەر يۇڭ توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، كەلگۈسىدە بۇ بازا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قوي يۇڭى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغۇسى.
ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاپتونوم رايون يۇڭ توقۇمىچىلىق، كەندىر يىپ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىپ توشۇشقا تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن چىقىرىلىدىغان يۇڭ توقۇلما، يىپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر توننىسىغا 1000 يۈەن ۋە 800 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. ۋاڭ لۇچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹خۇاچۈن›› يۇڭ توقۇمىچىلىقى تولۇقلىما بېرىلىدىغان تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلدى. ياخشى سىياسەتلەر كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، تۆۋەن توك ھەققى سىياسىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، كارخانىغا ئايدا 20 مىڭ يۈەن تېجەپ بېرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek