گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانى مۇخبىرى تودېنخونېر (Jürgen Todenhöfer) نىڭ (سول تەرەپتىكى كىشى) ئىراقتىكى ISنىڭ ئەسكىرىنى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈش
رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى » (IS) رەھىمسىزلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان، ھەم دائىم دېگۈدەك تور ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ تۇرىدۇ، لېكىن 75 ياشلىق گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانى مۇخبىرى تودېنخونېر (Jürgen Todenhöfer) نىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان IS نىڭمۇ ئەدىبىنى بېرەلەيدىغان دۈشمىنى بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ دەل ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىسرائىلىيە، چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ ئارمىيەسى IS دىن كۈچلۈك ئىكەن.
تەيۋەن دوڭسېڭ ئاخبارات تورى 29-دېكابىر «يەھۇدىي خەۋەرلىرى گېزىتى» نى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تودېنخونېر بىلەن ئوغلى فرېدېرىك (Frederic) بۇلتۇر 10 كۈن سەرپ قىلىپ سۈرىيەدە تۇرغان، ئۇلار ISنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن پەقەتلا قورقمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئىسرائىلىيەدىن ناھايىتى قورقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىز ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ يـەر يـۈزى قىسىملىرىنى مەغلۇب قىلالايمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى يوق. لېكىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇلار ئوخشىمايدۇ، ئىسرائىلىيە بۇ جەھەتتە مۇناسىپ تەجرىبىلىرى بار، شۇڭا بىز ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىمىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز».
ISنىڭ ئەسكىرى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «موسۇردىكى(Mosul) ئىككى مىڭ ئائىلە ياتاق بىناسى ئىچىدە، 10 مىڭ نەپەر ئەسكەرلەر 1 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر يەرگە توپلانغان ئەمەس، مانا بۇ غەرب دۆلەتلىرى ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىنچىلىقى». بىز ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە نىڭ يـەر يـۈزى قىسىملىرى ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا بىز ئۇلارنى تۇتۇپ ئەسىرگە چۈشۈرەلەيمىز».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved