مۇخبىرنىڭ 18- چېسلا لەنجۇ ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى لىنىيەسىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، چىڭخەي شىنىڭ، گەنسۇ جيايۈگۇەن ۋە شىنجاڭ ئۈرۈمچى تەرەپكە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللاردا قاتناش توختىتىلغان.
توختىتىلغان پويىزلار: لەنجۇ ۋوگزالىدىن شىنىڭ، جيايۈگۇەن ۋە ئۈرۈمچى تەرەپكە قاتنايدىغان D2741、2747、2753、2721,2731、2703、2707 قېتىملىق پويىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كېچىككەن پويىزلار: K544,K885,Z106,Z42 قېتىملىق پويىزلار ئىكەن.
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، لەنجۇ تۆمۈريول ئىدارىسى ئادەم كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، لەنجۇ ۋوگزالىدا 10 دانە بېلەت قايتۇرۇش كۆزنىكى ۋە ئۈچ دانە بېلەت ئۆزگەرتىش كۆزنىكىنى كۆپەيتكەن، ئۇنىڭدىن سىرت لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدا 10 دانە بېلەت قايتۇرۇش كۆزنىكىنى كۆپەيتكەن.
چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 6 دە، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى لىنىيەسىنىڭ مىنخې جەنۇبىي ۋوگزالىدىن لېدۇ جەنۇبىي ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلەكنىڭ 1759km+428m لىق ئورۇندىكى تېگىشىش تورىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن يۆنىلىشتىكى يولنى قامال قىلغان، نۆۋەتتە جىددىي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved