رۇسىيەنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەمدۇ

رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ تۈنۈگۈن رۇسىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى»دە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، دېدى.


مېدۋېدېۋ «رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يېڭى قائىدە ئاستىدىكى تۇرمۇشى» دېگەن تېمىلىق ماقالىسىدە: ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنا جەمئىيىتى ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈندى، ئىقتىسادىي كۈندىن كۈنگە ناچارلاشتى. لېكىن ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېغىر كۈنلىرى تېخى ئالدىدا، دېدى. ھازىر ئۇكرائىنانىڭ ئاساسلىق قەرزى رۇسىيەنىڭ قولىدا، يېقىندا رۇسىيە ئۇكرائىناغا 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا ئىقتىسادىي قىيىنچلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشنى خالىمىدى. مېدۋېدېۋ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا رۇسىيە تەمىنلىگەن تۆۋەن باھالىق تەبىئىي گازغا تايىنىپلا 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ تىجەپ قالدى، ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىنى يۆلەۋاتىدۇ، لېكىن ئۇكرائىنانىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ خەيرى-خاھلىقىغا ئەزەلدىن مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىدى. يېڭى شارائىتتا مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، بىز دوستلۇقنى بىر ياققا قايرىپ قويىشىمىز كېرەك، ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنى داۋاملىق يۆلەش بىزگە پايدىسىز. مېدۋېدېۋ يەنە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا جەمئىيىتى ياۋروپا پاسپورتىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان سىياسىيونلىرىنىڭ قۇرۇق خىياللىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى. ياۋروپا جەمئىيىتىدە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، كۆپ خىزمەت قىلىش كېرەك، ياۋروپاغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن رۇسىيەگە قەرزنى قايتۇرۇشنى ئۆگىنىش لازىم.


مېدۋېدېۋ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا ئۇرۇنىشى يانۇكوۋىچنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلغانلىق. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرىۋاتىدۇ، لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلمىدى. ئۇكرائىنا ھازىر ئىمزالىغان ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلەر كېلىشىمى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىدىن بىشارەت بەرمەيدۇ، ئۇكرائىنا پۇقرالىرىمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالىغا ئوخشاش ھوقۇق مەنپەئەتتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. مېدۋېدېۋ ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ يازغۇچىسى «كارامسىن»نىڭ ئەسىرىدىكى ئاق سۆڭەكلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن پاجىئەلىك پېرسۇناژ «لىسا»غا ئوخشىتىپ، بىچارە لىسا مەڭگۈ ياۋروپالىققا تىگەلمەيدۇ، دېدى. مېدۋېدېۋ مۇنداق دېدى: ياۋروپا بىلەن ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلەر كېلىشمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىكى دۆلەتلەر بازىرىنى ئۇكرائىناغا ئاچمايدۇ، شۇڭا ئۇكرائىنا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە رۇسىيەدە تەخمىنەن 6 مىليون ئۇكرائىنالىقنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 


رۇسىيەدە چىقىدىغان «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ۋاقتى 14-دېكابىر كەچتە، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا يېپىق سۆزلەشكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لاۋروف بىلەن كېررى 3 سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەشكەن، كېررى رۇسىيەگە مىنىسك كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا قايتا تەكىتلىگەن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاۋروف مىنىسكتا ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، دونباس تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن توسالغۇلارنى يوقىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. سودىگەرلەر گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، لاۋروف سۆھبەتتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مۇزاكىرە قىلغاندا، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىلا ئاندىن تەرەققىي قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنىشنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



خەتكۈچلەر:
17-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek