شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇقام ئانسامبىلىدىكى 50 كىشى سىنگاپور 2015-يىللىق «دەريا بويىدا باھار» چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئويۇن قويۇش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاغاننىڭ ئالدىدا سىنگاپورغا يېتىپ باردى.
«دەريا بويىدا باھار» پائالىيىتى سىنگاپوردا يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان بايرامنى تەبرىكلەش كاتتا پائالىيىتى، ئۇدا 28 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىل سىنگاپورنىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇقام ئانسامبىلى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان سەنئەت ئۆمەكلىرى ئارىسىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئۆمەك. ئۇلار ئالتە كۈنلۈك پائالىيەتتە سىنگاپور خەلقىگە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئالتە مەيدان قويىدۇ. دۇنياغا داڭلىق «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرمۇ سىنگاپوردا ئويۇن كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، دوكتور يېتەكچىسى، پىروفېسسور جاڭ خۇەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز بۇ قېتىم ئويۇن قويۇش ئارقىلىق سىنگاپور تاماشىبىنلىرىغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشەندۈرىمىز، شانلىق مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتىنى تېخىمۇ تۇنىتىمىز.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved