«قوش 12» دە قايسى خىلدىكى يانفون ئەڭ كۆپ سېتىلدى؟

     «قوش 11» بىلەن پۇخادىن چىقمىغان ئالى بابا «تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقۇپ»، ئۇنىڭ كەينىدىنلا «قوش 12» نى كۆتۈرۈپ چىقتى، ئۇنداقتا، بۇ كۈنى تىيەنماۋ تورىدىن يانفون سېتىۋالغانلارنىڭ سانى زادى قانچىلىك؟ ئىستېمالچىلار قايسى يانفونلارنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالدى؟

تىيەنماۋ تورى بۈگۈن «قوش 12» دىكى يانفون شەرەپ تاختىسىنى ئېلان قىلغان. شەرەپ تاختىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايفون ھىلىھەم يۇقىرى ئىستېمال بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزدىكى ئىستېمالچىلار ئەڭ ياقتۇرغان بايراقدار دەرىجىلىك يانفون، توغرىراقى ئالىي دەرىجىلىك يانفونغا ئايلانغان، ھىچقانداق بىر يانفون ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمىغان.

شەرەپ تاختىسىغا چىققان يانفونلار «قوش 12» كۈنىدىكى سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسلىنىپ رەتكە تۇرغۇزۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 1000 يۈەندىن تۆۋەن يانفونلار ئىچىدە، خوڭمى Note 3 سېتىلىش مىقدارى بويىچە 1-بولغان، چىكۇ يانفونى ياشلار نۇسخىسى، خوڭمى 2A كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى، مېيلەن 2 ۋە مېيلەن Note 2 قاتارلىقلار ئۇنىڭ كەينىگە تىزىلغان.

سېتىلىش باھاسى 1000~2000 يۈەنگىچە بولغان يانفونلار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ سېتىلغىنى لېشى 1S بولغان، خۇاۋېينىڭ ئۈچ خىل يانفونى بۇ تىزىملىككە كىرگەن، بۇلار روڭياۋ چاڭۋەن5X، چاڭشىياڭ 5S ۋە روڭياۋ 6 Plus قاتارلىقلار، ئۇندىن باشقا، مېيزۇنىڭ مېيلەن metal يانفونى 4-ئورۇنغا تىزىلغان.

سېتىلىش باھاسى 2000~3000 يۈەنگىچە بولغان يانفونلار ئىچىدە، شىياۋمى Note نىڭ باھاسى 1999 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەنلىكتىن، سېتىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، 1-ئورۇنغا چىققان، 2-ئورۇندا تۇرغىنى خۇاۋېي روڭياۋ 7 بولغان. vivo X6、iPhone 5S、OPPO R7s قاتارلىقلار ئۇنىڭ كەينىگە تىزىلغان.

 

ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغىنى باھاسى 3000 يۈەندىن ئاشىدىغان يانفونلار بولۇپ، بۇ بىر كۈندىكى سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ئالما يانفونلىرى ئالدىنقى تۆت ئورۇننى ئىگەللىگەن، يەنى iPhone 6S、iPhone 6S Plus、iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلاردىن پەقەت خۇاۋېي Mate 8 لا بۇ تىزىملىككە كىرەلىگەن.

بۇ شەرەپ تاختىسىنى كۆرۈپ بەزىلەر مۇنداق بىر گەپنى ئېسىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن:

دۆلىتىمىزدە يانفون ئادەمنىڭ سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، مائاشى 1000يۈەن، 2000 يۈەن بولغانلارمۇ، يېمەي-ئىچمەي يىغقان پۇلىغا ئايفون سېتىۋېلىشنى خالايدۇ. «ئازراق چىدىساقلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەنغۇ» -نۇرغۇن كىشىلەر دەل مۇشۇنداق ئويدا بولۇشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
16-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     ئەنگىلىيە < كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىۋېتسىيەلىك توبىئاس خاگ ئىسىملىك ئەر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئېگىز بوشلۇقتىن شىۋېتسىيەنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە گ...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دېسنىي باش تېمىسىدىكى رەڭدار نەقىشلىك تۇنجى ئايروپىلانى بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومىدا ئۇچۇشقا تەييارلاندى. شۇ كۈنى، بۇ ئايروبۇس A330 تىپلىق ئايروپىلان شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا...
26-04-2016
    2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى (كونكرېت سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس). بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر، دۇبەينىڭ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان ئاسمىنىنى نامايان قىلغان. چىراغ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتكەن ئۇپۇق سىزىقىدىن تارتىپ، بۇ...
24-04-2016
    يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى بۇ ئاينىڭ 10-كۈنى كانادا باشلاندى. ئىگەللىنىشىچە ھازىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككى قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان. بۇ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى: لى...
24-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 1-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجراچىسى ئىرىنا بوكوۋا (Irin...
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
Powered by Leglek