تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى بىر ئوقۇغۇچى يارىلانغاندىن كېيىن بىر ئاددى ماشىنا ئادەمنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇشقا ئىشلەتتى .بۇنىڭ .ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى .كولى فرتىز يېقىندا ئاپتوموبىل ھادىسىسى تۈپەيلىدىن يارىلىنىپ مەكتەپكە بارالمىدى .ئۆگىنىش سۈرىتىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ ماشىنا ئادەمنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇشقا تاللىدى .
بۇ ماشىن ئادەمنى شۇ يەردىكى بىر توردا ئوقۇتۇش مۇلازىمەت شىركىتى تەمىنلىگەن بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بىر توكلۇق ئاپتوموبىل .فىرتىز ئۆيىدە كومپيوتېر مەشغۇلات تاختىسى بىلەن ئۇنى يىراقتىن كونترول قىلسا ماشىنا ئادەم مەكتەپ ئىچىدە ماڭىدىكەن ھەمدە ئېكران ئارقىلىق فېرتىز بىلەن مۇئەللىمنى پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن .
ئۇ مۇنداق دېدى :>مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر ئاساس ،قالتىس بىر باشلىنىش ۋە ئاتلاش بولدى .گەرچە ئۇنى ياخشىلاش بوشلۇقى يەنىلا ئىنتايىن زور بولسىمۇ لېكىن بۇ يامان ئەمەس باشلىنىش .فېرتىز مارتنىڭ باشلىرى ئۆزى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ .ئۇ بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىلچە كۈچىمەيلا داۋاملىق ئوقۇشىغا ياردەملەشكەنلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى <.فېرتىز بۇ ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلىشنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردا ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىغان بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە ياردىمى بولغاندىن سىرت ،يەنە ئۆزىنى ساۋاقداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .مەكتەپ تەرەپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىپ فىرتىزغا دەرس تۇلۇقلاتقانغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ تېجەيدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ ،ھازىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ مەكتەپكە كېلىشىگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved