رۇسىيە ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن ئىلگىرى قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا 681 مىليارد 200 مىليون رۇبلى ئىشلىتىدۇ. بۇ غايەت زور تەرەققىيات مەبلىغىنى رۇسىيە زوڭتۇڭى مىدۋېدىف 11-ئاۋغۇست ئىمزالىغان «قىرىم ۋە سىۋاستىپولنىڭ 2020-يىلىدىن ئىلگىرىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات» فېدېراتسىيە پروگراممىسىدا بېكىتىلدى . بۇ پۇل ئىلگىرىكى تۈرلۈك كۆزلەنمىدىن كۆپ. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر كېلىپ چىقتى. قىرىم رەھبىرى بىز ئالتە يىل ئىچىدە ئۆزىمىزنى قامدىيالايمىز دەپ تەكىتلىدى.
رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،بۇ تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ 658 مىليارد 100 مىليون رۇبلىنى رۇسىيە فېدېراتسىيە خامچوتىدىن ئاجرىتىلىدىكەن. بۇ پۇل ئاساسلىقى كېرىچ دېڭىز بوغۇزى كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى، تاشيول ۋە پورتلارنى رېمونت قىلىش، ئېنېرگىيە ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇقىرى پەن تېخنىكا ۋە سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشى،سەھىيە ۋە مائارىپ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن. قېرىم يېرىم ئارىلىنىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا كېتىدىغان چىقىم ئەڭ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 418 مىليارد رۇبلى سەرپ قىلىنىدىكەن. كېرىچ دېڭىز بوغۇزى كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىغىلا 246 مىليارد رۇبلى سەرپ قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا تۆمۈر يول ياساشقا 6 مىليارد 500 مىليون رۇبلى، تاشيول قۇرۇلۇشىغا 5 مىليارد 600 مىليون رۇبلى سەرپ قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىرىمنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىدىكەن. بۇ تەرەققىيات پروگراممىسى پۈتتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شۇ يەر بىلەن رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ پەرقى كىچىكلىتىلىپ، قىرىم فېدېراتسىيە رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات سەۋىيىسى رۇسىيىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلىدىكەن. مەزكۇر پروگرامما 7-ئاۋغۇست ھۆكۈمەت يىغىنىدا ماقۇللانغان. يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت يەنە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى بىكىتىدىكەن.
ھۆكۈمەت يىغىنىدا بۇ پروگرامما ئۈستىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقى،قىرىم ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەبلەغ مەسىلىسىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولدى. مالىيە مىنىستىرلىقى پروگراممىدىكى تۈرلەرگە كېتىدىغان مەبلەغ بىر ھەسسە يۇقىرى مۆلچەرلىنىپتۇ دەپ قارىدى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى سىرىگىي ساتتاروف مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ مەبلەغ ھەددىدىن زىيادە كۆپ، بۇ مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە دۆلەت خامچوتىنىڭ يۈكىنى ئويلىنىش كېرەك، كۆپلىگەن تاشقى مەبلەغنى قېرىمنىڭ قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىغا جەلپ قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ چىقىم رۇسىيىنىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاش بىر ھەسسىدىن كۆپرەك مۆلچەرلىنىپتۇ. مەلۇم تۈرلەردىكى مەبلەغ تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇپتۇ. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ قارىدى: قىرىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قاتناش، ئېنېرگىيە ئۇل قۇرۇلۇش ئالدى بىلەن ئويلىنىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 160 مىليارد رۇبلى ئېھتىياجلىق بولسا پۈتۈنلەي مۇۋاپىق بولىدۇ.
فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ھەققىدە ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا قىرىم رايونىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭلىسى ئالېكىس.ئاكشونوف تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،بىز تۆھپىسى بار رايون بولماقچى، بىز كەلگۈسى 5-6 يىل ئىچىدە ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە تايانماي، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات خام چوتى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىرىم بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بارلىق زۆرۈر شەرتلەرگە ئىگە. ھەربىي سانائەت ۋە دەم ئېلىپ داۋالىنىش، دەم ئېلىش ئىشلىرى، كارخانىلارنىڭ ئىشقا كىرىشىشى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، خام چوت باج كىرىمى ئايمۇ-ئاي ئاشماقتا. پەقەت قىرىم ئېنېرگىيە شىركىتى بولغان قارا دېڭىز نېفىت-گاز شىركىتىلا ھەر يىلى 9 مىليارد رۇبلى باج كىرىمى يارىتالايدۇ. كېلەر يىلى قىرىم 94 مىليارد رۇبلى خام چوتقا موھتاج . بۇنىڭ 20 مىليارد رۇبلىسىنى ئۆزىمىز غەملىيەلەيمىز. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى جازالاش ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، قىرىمنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى بولىۋاتىدۇ.
قىرىمنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى 13- ۋە 14-ئاۋغۇست بۇ رايوندا زىيارەتتە بولماقچى بولدى. رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقى 11-ئاۋغۇست خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پۇتىن 13-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە قىرىمدا زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرىغا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. شۇ ۋاقىتتا دۆلەت دۇماسى يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى بارلىق پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. نۇتۇق سۆزلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن يىغىنغا قاتناشقانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىقى دۆلەت خام چوتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، قىرىمنىڭ تەرەققىيات پىلانى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.
رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سۇلوۋىيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ قىرىمغا بېرىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ، دۆلەتنىڭ قىرىمغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغاش ھەمدە بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىش. غەربتىكى تەھلىلچىلەر بولسا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بۇ ھەرىكىتى سىرتقا: قىرىمنىڭ رۇسىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، گەرچە غەرب دۆلەتلىرى جازالاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت، ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved