سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرا رايۇنغا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتتى

جاھان ئاگېنتلىقى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە بەش كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش باشلىنىشىغا ئاز قالغاندا سەئۇدى ئەرەبىستان-يەمەن چېگرىسىدا ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى. ھۇسىيلەر چېگرادا راكىتا ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى قارشىلىق بىلدۈردى. رىياد ھۆكۈمىتى يەمەن چېگراسىغا «زور ياردەمچى قوشۇن» ئەۋەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى چېگرا رايۇندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن ئارمىيە قىسىملىرىنى چېگراغا يېقىن نەجران رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. يەمەندىكى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىي قۇراللىقلىرى، بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ سادا ۋە ھاججا رايۇنىغا 150 قېتىم راكىتا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى جىزان ۋە نەجران رايۇنلىرىغا راكىتا قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، راكىتا ھۇجۇمىدا نەجراندىكى بىر پۇقرانىڭ ئ‍ۆلگەنلىكى ۋە راكىتانىڭ ھەربىي رايۇن ئەتراپىدىكى بىر مەكتەپ ۋە ئولتۇراق رايۇنغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىرلەشمە ئارمىيە ئايرۇپىلانلىرى تائىز رايۇنى بىلەن پايتەخىت سەنئانىڭ شەرقىدىكى مارىب رايۇنىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.
شەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل جۇبەيىر، يەمەندە 12-مايدىن باشلاپ 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ باياناتتىن كېيىن ھۇسىي قۇراللىقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قۇبۇل قىلغان ئىدى. بۇ قاراردىن كېيىن ئىران يەمەنگە پاراخوت ئارقىلىق ئىنساني ياردەم يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



12-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
19-05-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت II لوندوندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تەدبىرلىرى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ...
19-05-2016
رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەزەربەيجان Silk Way ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يۈك تىرانسپورت ئايروپىلانى ئافغانىستاندا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلانغان. ...
19-05-2016
رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۇرىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قوشۇلغان ئاھالە نۇقتىسى سانى 106 گە كۆپەيگەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە تورىدا ئېلان قىلغان...
19-05-2016
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MS804 نومۇرلۇق ئايروپىلانى مىسىر تەۋەلىكىدە يوقاپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتا بۇ ئايروپىلان ئېگىزلىكى 11000 مېتىر بولۇپ، راداردىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. مىسىر تەر...
18-05-2016
رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنسۇئىلا زۇڭتۇڭى نىكولاس مادۇرونىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا يېڭى تارىخىي دەۋرنىڭ رەھبىرى ئىكەن. مادۇرو يەنە پۇتىنغا گۈزەل تىلەكلىرىنى يوللىغان، ...
18-05-2016
  ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 16 – ماي كېنىيەدە دوكلات ئېلان قىلىپ: 2014 – يىلى 12 – ئايدىن بۇ يىل 4 – ئايغىچە، كېنىيەدە تۇرۇپ قالغان 13 مىڭ 800 سومالى مۇساپىرى ئارقا – ئارقىدىن دۆلىتىگە قايتۇرۇلدى، دېدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ب د ت ...
18-05-2016
مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشقا ئايلانماقتا. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى...
18-05-2016
  رۇسىيە <بەلباغ> خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ماريلاند شىتاتىدىكى سام ئىسىملىك 17 ياشلىق بويتاق يىگىت مەكتەپ پۈتتۈرۈش تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مۈشۈكىنى تانسا ھەمراھى بولۇپ بې...
18-05-2016
  لىۋىيە مەسىلىسى دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 16 – ماي ئاۋسترىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھۆكۈمىتى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››...
18-05-2016
فرانسىيە «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ كولوندىكى ئاۋات مەركىزى بەلۋاغدىكى بىر ئاشخانا يېقىندا تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. چۈنكى بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى...
Powered by Leglek