روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈركىيەنىڭ سۇ- 2 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىنكى ئىپادىسى كىشىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، دېگەن.
گېرمانىيە «سۈرەتلەر گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پۇتىن مۇنداق دېگەن : « روسىيەنىڭ سۇ - 24 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيە رەھبەرلىرى بۇ قىلمىشقا قارىتا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرمىدى، بەلكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدىن ھامىيلىق تەلەپ قىلىپ كەلدى، قارىماققا بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئىش ، مىنىڭچە، بۇنداق قىلمىش تۈركىيەنىڭ ئابرۇيىغا تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ».
پۇتىن يەنە، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، لېكىن روسىيە - تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ھېچكىم تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved