ئېبۇلا يۇقۇمىدا ھايات قالغۇچىلارنىڭ بەختلىكى ۋە بەختسىزلىكى

سېررالېئون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئېبۇلا ۋرۇسىدا ھايات قالغۇچىلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش يىغىنى 16-ئۆكتەبىر سېررالېئوننىڭ شەرقىدىكى كىنىما ئۆلكىسىدە ئېچىلدى. سېررالىئوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان35 كىشى تاراتقۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ھايات قىلىش سەرگۈزۈشتىلىرىنى تونۇشتۇردى.


سېررالېئونلۇق جامىس گىبى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام كېسەل بولۇپ 2-كۈنى مەنمۇ قېزىششقا باشلىدىم، بىر ئاز ئاسپىرىن يىگەن بولساممۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، نەچچە كۈنگە قالماي ئۆيىمىزگە بىر سېستىرا كېلىپ مېنى ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن، دېدى. بىر جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى مېنى كىلاخۇن رايونىدىكى بىر شىپاخانىغا ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن ئىككى ئايدىن كېيىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم.


ئەمما گىبى ئويلىمىغان ئىش بولسا، ئۇنىڭ قولىدا سېررالېئون ھۆكۈمىتى تارتقان ئېبۇلا يۇقۇمىغا قارشى ئىممۇنىتېت كېنىشكى بولسىمۇ، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە قوشنىلىرىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراشتەك غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. ئۇ ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: تونۇش قوشنىلىرىم مېنى كۆرسىلا ئىشىكىنى تاقىۋالىدۇ، كۈچۈگۈم خۇشنىلارنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ قالسا ئۇلار بۇنىڭ ئىگىسى ئىبۇلا بىلەن يۇقۇملانغان دەپ تاش ئېتىپ ئۇنى قوغلايدۇ. كەنتتكىلەر ئاممىۋى قودۇقتىن سۇ ئېلىشىمنى چەكلىدى، ھازىر مەن ھۆكۈمەت ۋە ساخاۋەت ئورۇنلىرى تارقاتقان يىمەكلىكلەر بىلەن جېنىمنى بىقىۋاتىمەن.
يەنە بىر ھايات قالغۇچى مومومۇ ئوخشاش ھېسىياتتا ئىدى. ئۇ ئىلگىرى شۇپۇر بولۇپ، ئىبۇلا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى توشۇش جەريانىدا يۇقۇملىنىپ قالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىلگىركى ماخاۋ كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىمىز، مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە چوڭ بولغان مەھەللىمۇ مېنى چەتكە قاقتى. بۇ كىشىلەر ئىلگىرى مېنىڭ دوستۇم ئىدى، بىرلىكتە پالما ھارىقى ئېچەتتۇق، ھازىر يىراقلىشىپ كەتتۇق.


مومو مۇنداق دەيدۇ: مەن كەنتتىكىلەرگە ھۆكۈمەت تارقاتقان ئىبۇلا ئىممۇنېتىت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ساقىيىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئېبۇلا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇلار باشلىرىنى چايقاشتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۈگۈنكى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ھەقىقەتەن ناھايىتى زۆرۈر ئىدى، بۇ كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.


ئىستا يىرا ساقىيىپ يۈرتىغا بارغاندىن كېيىن بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا تەليى ئوڭدىن كەلدى. يىرا مۇنداق دەيدۇ: كەنتتىكىلەر مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قارشى ئالدى، مېنى كەمستىمىدى. مەن ناھايىتى تەلەيلىككەنمەن، بۇمۇ ماڭا غەيرەت ئاتا قىلدى، يولدىشىم ئېبۇلا يۇقۇمى بىلەن قازا قىلغانىدى. مەن تۆت بالامنى قاتارغا قوشوشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

يىرا مۇنداق دەيدۇ: باشتا ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، كېسىلىمنى دوختۇرغا كۆرسەتمىدىم، ئاخىرىدا پەقەت چىدىيالمىغاندا داۋالاش مەركىزىگە باردىم، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. ئەگەر يولدۇشۇممۇ مەندەك بالدۇراق دوختۇرغا بارغان بولسا بەلكىم قازا قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.


سېررالىئوننىڭ شەرقى ئۆلكىىنىڭ باشلىقى مايا كېككى 16-ئۆكتەبىردىكى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر بىر قىسىم بىمارلار ساقىيىپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىماقتا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ئائىلىلەرنىڭ تىگىشلىك ئېتىبارغا ئېرىششىگە ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئېبۇلا يۇقۇمىدا ھايات قالغۇچىلار «مەھەللىدە قاتتىق كەمسىتىشكە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ قايتىدىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان. سېررالىئوننىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنستىرىمۇ ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھايات قالغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە مەھەللىسىگە قايتىشىنى قارشى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


سېررالىئون 5-ئايدا تۇنجى ئىبۇلا يۇقۇمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېسەللىك تېزدىن يامرىدى. ھازىر بۇ ئۆلكىنىڭ بارلىق رايونلىرىغا يامراپ بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، سېررالىئوندا 3252 كىشى ئېبۇلا بىلەن يۇقۇملانغان، ئۇنىڭ 1183 قازا قىلغان.



خەتكۈچلەر:
19-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek