ئاياللار ئاپېلسىننى كۆپ يېسە ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپى ئازىيىدۇ

ئاپېلسىننىڭ تەمى چۈچۈمەل، تاتلىق، ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشى ياقتۇرۇپ يەيدۇ. بولۇپمۇ ئاياللار ئاپېلسىننى كۆپرەك يېسە، ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.
ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدا ئىسپاتلىنىشىچە، كىلىنىكىدا ئاياللاردىكى ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكىنىڭ نىسبىتى ئەرلەردىن ئىككى ھەسسىدىن تۆت ھەسسىگىچە كۆپ بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمونلارنىڭ خولېستېرىننى ئۆت سۇيۇقلۇقىغا يىغىپ قويىدىغانلىقى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇنىڭ ئىچىدىكى خولېستېرىنلارنىڭ قويۇقلۇقى زىيادە ئېشىپ كېتىپ، خولېستېرىن تۈرىدىكى تاش چۈشۈشنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئاپېلسىندىكى كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C ئاياللاردا ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئازىيىشىغا ياردەم بېرەلەيدىكەن. تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدا، ۋىتامىن C نىڭ ئورگانىزملارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، قىل قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا، يەنە خولېستېرىننىڭ جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇق كىسلاتاسىغا ئايلىنىشىنى چەكلەپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مۇشۇنداق بولغاندا ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئازىيىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپېلسىننىڭ پوستىدىكى مېۋە يېلىمى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئارتۇق خولېستېرىننى بەدەن سىرتىغا تېخىمۇ تېز چىقىرىپ، ئورگانىزملارنىڭ خولېستېرىننى ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلىۋېلىشىنى ئازايتىدىكەن. شۇڭا ئاپېلسىننىڭ پوستىنى قايناق سۇغا چىلاپ چاي ئورنىدا ئىچسە، ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
25-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek